تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى، كۈرەش قىلىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى. ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن - ئاخىر ئامما بىلەن بىللە بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىمىز.

خەلقنى مەركەز قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز، خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلايمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىكى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ھەر ۋاقىت، ھەر ئىشتا خەلقنى مەركەز قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاشنى نامايان قىلىش كېرەك.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق زاپاس پىيازنى ئامبارغا ئېلىپ كىرىشىگە ياردەملىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسى ۋېيزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شۆيۇڭ كەنت ئېغىزىغا بېرىپ، چارۋىلارنىڭ قىشلىق يەم - خەشىكىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلدىن يەم - خەشەك چۈشۈرۈشكە ياردەم بەردى.

«بىردەمدىن كېيىن يەنە كەنتتىكى سۇڭپىيازنى سېتىش ئىشى توغرىسىدا ئالاقىلىشىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، بىرسىگىمۇ دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.» ما شۆيۇڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم، «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى <كەمتۈكلۈك>نى تولۇقلاپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمەن».

قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ۋۇسەيۋەن بازىرى بۇ يىل 7 - ئايدا تەسىس قىلىنغان يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت يېزا - بازىرى. «بىز خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز.» ۋۇسەيۋەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەن شىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ۋۇسەيۋەن بازىرى «15 مىنۇتلۇق مەھەللە تۇرمۇش چەمبىرىكى» بەرپا قىلىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىنچىكە، پۇختا، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

ھەرقايسى كۈچلەرنى تەشكىللەپ، كۆكتات ئۈزۈش، توشۇش، سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆكتاتچىلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق، ئادەم كۈچى ۋە ماشىنىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى قوناقنى ۋاقتىدا ئورۇش ھەم كۈزگى بۇغداينى ۋاقتىدا تېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئابلىمىت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا، جەزمەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك. كېپەكيۈزى يېزىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى، خاس باغ - ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش، ماركىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ».

پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چىچان بازىرى چىچان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام مەخمۇت بۇنىڭدىن قاتتىق ھاياجانلاندى: «بۇ ئىككى يىلدا، بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يەنىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى قۇرۇش ئارقىلىق، دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنى پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندۇرۇپ، كەنت كادىرلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كادىرلار، ئامما قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىمىز».

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى لىيۈەن كوچا باشقارمىسى كېيۈەنچېڭ مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەھەللە باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىپ، ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.» كېيۈەنچېڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى خۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېتەكلەپ پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» كېرىيە ناھىيەسى كۆكيار يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مەتتۇردى قادىر مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى جەڭگىۋار قورغىنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، مۇستەھكەملەشنى تۇتۇپ، جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەملەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاممىنى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇرتداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى ماڭىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.» ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز ھەم ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى بويىچە ئۈلگىلىك يېزا - بازار بەرپا قىلىۋاتىدۇ. «پۈتۈن بازارنىڭ باغ - ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز يېزا - كەنت ساياھىتى، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللارنى چىڭ كۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرىمىز» دېدى ئىگەرچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى لياۋ لۇنگېڭ.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قارايۇلغۇن يېزىسىنىڭ يېزا - كەنت قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تۈرلەر، كەسىپلەر پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى. بىز تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ ماركىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولىمىز» دېدى كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جوۋ شياۋجىڭ.

شىرېنزىگوۋ كەنتى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىغا بىرقەدەر يېقىن يېزا - كەنت، تەرەققىياتنى تىلغا ئالغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىرېنزىگوۋ كوچا باشقارمىسى شىرېنزىگوۋ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جىن جىجۈن مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىمىزگە تايىنىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىرېنزىگوۋ كەنتىنىڭ ھازىر بار بولغان يەر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، پاي تۈزۈمىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر گو چيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يىمىڭ، ۋېي خۇڭپىڭ، بارشا تېگىس، دۇ جيەنخۇي، ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ جىلى، جاڭ رۇيلىن، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى بويا، جاڭ ياڭ، ليۇ جىنلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.