ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
دائىمىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. «ئىككىنى تىلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىمىز بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىگە ئاتلىنىمىز.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھانغا بېرىشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختىماي ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى باشتىن - ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باشتىن - ئاخىر كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.