تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ چۈشەندۈرۈلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش تۈپ كاپالەتكە ئىگە بولدى. تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكىمىز ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.