تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇرغان. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش سىجىللىقى يەنىلا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جۇڭجېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تۈرلەر ئارقىلىق يېتەكلەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىگە سىجىل كۈچىدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سېلىنما كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشنى ئاچقۇچلۇق تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ 2 - كەسىپ سېلىنمىسى تېز ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 1.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.

سانائەت سېلىنمىسى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.1 ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 10.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پولات - تۆمۈر سانائىتى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.1 ئاشتى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇددەتتىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇش «كۆزنەك مەزگىل»نى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە قويۇپ، دىققەتنى سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغا سىلجىتتى، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 5.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 ھەسسە ئاشتى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرى سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپ سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.2 ئاشتى، سەھىيە ۋە جەمئىيەت خىزمىتى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.3 ئاشتى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇش سالمىقى زورايدى. ئومۇمىي سېلىنمىسى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇش تۈرىدىن 13 مىڭ 660ى پىلانلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1382سى كۆپىيىپ، %11.3 ئاشتى. بۇ يىل يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 7617 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 848ى كۆپىيىپ، %12.5 ئاشتى؛ يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 291 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.