تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى، «تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

​− ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدا تەھلىل

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىكى ۋېيجياچۈەن ۋوگزالىدا كۆمۈر قاچىلاش - چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن تىرانسپورت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، پويىزنىڭ يۈرۈش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. □ جاڭ جىيۇڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 291 مىليون 323 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدا «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شىنجاڭ كۆمۈرنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قويۇپ بېرىلدى

4 مىليون توننىدىن 8 مىليون توننىغىچە، يەنە 12 مىليون توننىغىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتى يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇدا ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

«كېلەر يىلىنىڭ بېشىغىچە، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يىلىغا 12 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى.» بۇ شىركەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى سۇڭ جىيۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يەر يۈزىدە پارچىلاپ، تاسقاپ ئايرىش ۋە كۆمۈرنى زاپاس ساقلاش سىستېمىسى قاتارلىق توپا قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، شىركەت ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا ئاپتوموبىلغا قاچىلاشنى ئەلالاشتۇرۇپ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە 7 مىليون 218 مىڭ 500 توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 ئاشۇردى.

جۇڭليەن رۇنشى شىنجاڭ شىركىتى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە ئاشقان ۋەكىللىك كارخانىلارنىڭ بىرى. كۆمۈرنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماناس تيەنشىن قاتارلىق ئۈچ كۆمۈر كاننىڭ بىرلىشىپ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى، قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ 2 - قارارلىق يىلىغا 6 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دۆلەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقىي جاۋابقا ئېرىشتى، شەرقىي جۇڭغار چوڭ قۇدۇقى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىق 12 كۆمۈر كان دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىخەتەر ئاشۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان كۆمۈر كانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2019 - يىلىدىن بۇيان تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈچ قېتىم بىخەتەر ئاشۇردى، پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 96 مىليون 900 مىڭ توننىغا كېڭىيىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، بۇ شىركەت 56 مىليون 263 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليون 138 مىڭ توننا ئاشۇردى، ئېشىش دائىرىسى %36.8 بولۇپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا «سۈرئەت ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئېلان قىلغان ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىدىن يۇقىرى بولغان 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلەت يۈكلىگەن يىلىغا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن 160 مىليون توننا كۆپەيتىشتىن ئىبارەت كۆمۈر كان تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىدۇ. «بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارلىرى تولۇق قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ كۆمۈرچىلىكىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت كۆمۈر بازىرىدىكى ئورنى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ» دېدى شىنجاڭ كۆمۈر سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ كۇي.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ بازارلارغا سىڭىپ كىردى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرشارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارادا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ، تىرانسپورت تەننەرخى ئېشىپ كەتكەچكە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈر ئىمپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى، ئىمپورت قىلىنغان كۆمۈرنىڭ كۆمۈر بازىرىنى تولۇقلاش ۋە تەڭشەش رولى ئاجىزلاپ، قىسمەن قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش جىددىيلەشتى.

شۇڭا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىپ كىرىپ، ئىلگىرىكى نىسبەتەن يېپىق رايوندىن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە 58 مىليون 331 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.08 ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 21.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

قومۇل شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 43 مىليون 820 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %133 ئاشقان، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە توشۇش مىقدارى كۆمۈر ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %49.45ىنى ئىگىلىگەن. بۇ يىل قومۇلنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا تۇنجى قېتىم تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى ئارقىلىق جىڭتاڭ پورتى، تيەنجىن پورتى، ساۋفېيديەن پورتى قاتارلىق پورتلارغا يەتكۈزۈلۈپ، بۇ پورتلاردىن شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ئۇلاپ توشۇلدى.

گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە سىرتقا 19 مىليون 187 مىڭ 900 توننا كۆمۈر ساتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.64 ئاشتى. «تۆمۈريول ۋە تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، كۆمۈرنىڭ شىنجاڭدىن تېز سۈرئەتتە سىرتقا توشۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.» ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەن شىۋۇ مۇنداق دېدى: بەيشىخۇ كان ئازگىلىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈرنىڭ بىر قىسمى خۇڭليۇخې - نوم تۆمۈريولى تېز قاچىلاش پونكىتى ئارقىلىق ۋاگونغا قاچىلىنىپ شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلىدۇ، بىر قىسمى ئاپتوموبىل تىرانسپورتى ئارقىلىق ئاۋۋال گەنسۇ ليۇگۇغا توشۇلۇپ، ليۇگۇدىن پويىزغا قاچىلىنىپ سىرتقا توشۇلىدۇ.

شىنجاڭ جياڭنا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 25 مىليون 620 مىڭ توننا ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقاردى، بۇنىڭ 12 مىليون 740 مىڭ توننىسى شىنجاڭ سىرتىغا سېتىلدى. «نومغا 14 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ۋاقىتلىق توختاش ئورنى تەسىس قىلىندى، كارخانىغا كىرگەن بارلىق ئاپتوموبىللار توختىغان جايدا خېسۇەن تەكشۈرۈش قىلىدۇ، 24 سائەت يېمەك - ئىچمەك، ماي قاچىلاش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.» جياڭنا كانچىلىق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دېدى: كۆمۈرنىڭ شىنجاڭ سىرتىغا ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت توشۇش - سېتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بارلىق كۆمۈر توشۇش كەسپىنى بۇلۇت تېرمىنالىغا يۆتكىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كان رايونىدا ئادەمسىز گىردىن ئۆتكۈزۈپ ئېغىرلىق ئۆلچەش، سىرتقا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا ئاۋازلىق قوماندانلىق قىلىش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىستېمىلارنى ئورنىتىپ، توشۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى «تاشيول - تۆمۈريول + كارىدور»دىن ئىبارەت تىرانسپورت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جىنيۈۋەنتۇڭ، فۇشېڭدىن ئىبارەت ئىككى تۆمۈريولدا كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى، تاشيول - تۆمۈريول - سۇ بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرۇپ، پورتقا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ئايلىنىشىغا ئۈنۈملۈك سىڭىشتى.

تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيدى

2020 - يىلىدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلار يىراق بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى شىنجاڭدىن سىرتقا ناھايىتى ئاز توشۇلاتتى. 2021 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، جەنۇبتىكى قىسمەن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا كۆمۈر ئىشلىتىش جىددىيلىكى كۆرۈلگەچكە، سېتىۋېلىش پىلانىدا باھاسى تۆۋەن بولغان شىنجاڭ نىشانلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، سىچۇەن - چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا تۈركۈملەپ توشۇلۇپ، شۇ جايلارنىڭ تەمىنلەش جىددىي بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتتى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەدبىر قوللىنىپ، كۆمۈر تەمىنلىگۈچى كارخانىلار بىلەن كۆمۈرگە ئېھتىياجلىق كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش كارخانىلىرى توختامنى مەملىكەتلىك كۆمۈر سودا مەركىزى تورىغا يوللاپ، ۋەدىگە سەمىمىي ئەمەل قىلىش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ مۇۋاپىق ئەسلىگە قايتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان - ساتىدىغان بىر تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭ سىرتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى قاتارلىق كۆمۈر ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش توختامى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش يولىنىڭ تېخىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا ئۇزىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بىز شىنجاڭ سىرتىدىكى 15 كارخانا بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالىدۇق.» سۇڭ جىيۈەن مۇنداق دېدى: شىركەت ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختاملاشقان خېرىدارلار ئۈچۈن كۆمۈر توشۇش، سېتىش يېشىل يولى ئېچىپ بەردى، ئاۋۋال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان خېرىدارلارغا، ئاندىن بازاردىكى خېرىدارلارغا سېتىش پىرىنسىپى بويىچە، تۆۋەن ئېقىندىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

جياڭنا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى گەنسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرى بىلەن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالىدى، بۇ يىل تۇنجى قېتىم كۆمۈرنى گۇاڭجوۋ جۇجياڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېقىلغۇ چەكلىك شىركىتىگە ساتتى. بىر قىسىم كۆمۈر تيەنجىن پورتىغا توشۇلۇپ، ئاندىن سۇ تىرانسپورتى ئارقىلىق جەنۇبتىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا توشۇلدى.

بۇ يىل دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ «تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش چەمبىرىكى» سىجىل كېڭىيىپ، تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىچۇەنگە، گۇيجوۋغا، ئىچكى موڭغۇلغا توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيدى.

بۇنىڭ بىلەن بۇ يىل شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبتىن تەدرىجىي خۇاجۇڭ، خۇادۇڭ، خۇانەنگىچە كېڭەيدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كارخانىلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن توك چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان 223 مىليون توننا كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالىغان، توختامغا ئەمەل قىلىش نىسبىتى %100 بولغان، توك چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 140 - 440 يۈەن ئارىلىقىدا بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.