تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئاشتى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 291 مىليون 323 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، خام نېفىت، توك چىقىرىش، توك ئىشلىتىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۈچلۈك پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

قومۇل شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، قومۇل شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر 88 مىليون 620 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82 ئاشقان. بۇ كۆمۈرلەر شۇ جاينىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، زور كۆپ قىسمى گەنسۇ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، نىڭشيا، چىڭخەي ھەمدە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى خېنەن، خۇبېي، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلغان.

نېفىت سانائەتنىڭ «قېنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 24 مىليون 287 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشتى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى 7.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 - لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. مۇخبىرنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نېفىتلىكنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون كۇب مېتىر ئاشقان. ھازىرغا قەدەر، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ نېفىتلىك غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق جەمئىي 310 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈپ، ئېلىمىزدىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 120 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى مەنپەئەتلەندۈرگەن.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليارد 229 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشتى؛ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتە 49 مىليارد 365 مىليون كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى.

توك چىقىرىش، توك ئىشلىتىش مىقدارى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى «بارومېتىر» ۋە «يۆنىلىش بەلگىسى». ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى توك چىقىرىش مىقدارى 350 مىليارد 598 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 259 مىليارد 756 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتكە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 208 مىليارد 432 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 ئاشقان.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا غەربىي شىمال غول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان 750 كىلوۋولتلۇق 1 -، 2 - يولى، سانجى - گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «ئىككى ئۆزگىرىشچان، ئىككى تۇراقلىق» شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى ئەندىزىسى شەكىللەندى. 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى 3 - تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى − قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.