تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مول ھوسۇل ئېلىندى، دېھقانلارنىڭ ھەميانى تومپايدى

  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قىزىلچا كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانا قىزىلچا تېرىغۇچىلار بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىزىلچا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەم ھوسۇلنى ئاشۇرۇشى، ھەم مول ھوسۇل ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى بېييۈەن مەھەللىسىدىكى قىزىلچا ئېتىزىدا، قىزىلچا تېرىغۇچىلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدا قىزىلچا يىغماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى بېييۈەن مەھەللىسىدىكى قىزىلچا ئېتىزىدا، قىزىلچا تېرىغۇچىلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەنمەكتە.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى بېييۈەن مەھەللىسىدىكى قىزىلچا ئېتىزىدا، قىزىلچا تېرىغۇچىلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدا قىزىلچا يىغماقتا. ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  قۇتۇبى ناھىيەسىدىن باشقا، ساۋەن شەھىرىدىكى قىزىلچىلارمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆستى. ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە شىگوبى بازىرى بەيتەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى دېھقانلارنى قىزىلچا تېرىشقا يېتەكلەپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار»دىن ئىبارەت زاكازلىق تېرىقچىلىق ئەندىزىسى بويىچە، تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، «شېرىن كەسىپ» ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ قەلبىنى شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈردى.

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى قىزىلچىنىڭ ئورۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شىگوبى بازىرى بەيتەن كەنتىدە، بىر كومبايىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزىلچا يىغماقتا.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  ساۋەن شەھىرى سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدە تېرىلغان 800 مو شەنياۋ كولاش مەزگىلىگە كىردى. ساۋەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، شەنياۋ ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇپ كولىشى، ئايرىشى، ئاپتوموبىلغا قاچىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سىداۋخۇزا بازىرى شاباخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ شەنياۋنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  نۆۋەتتە، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدا تېرىلغان 10 مىڭ مودىن ئارتۇق شالنى ئورۇش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، شال تېرىغۇچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  10-ئاينىڭ 28-كۈنى، كومبايىن قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى شورباغ كەنتىدىكى ئېتىزدا شال ئورۇماقتا.

ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.