ھازىر، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىسى قۇمباغ كەنتىدە تېرىلغان شوخلا، بەسەي، سەۋزە، سۇڭپىياز قاتارلىق كۆكتاتلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئېتىز-ئېرىقلاردا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى. 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، سېغىزكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرىنى تەشكىللەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى دېھقانلارنىڭ سېتىشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى، ھازىرغىچە 65 توننىغا يېقىن كۆكتات توشۇلدى ۋە سېتىلدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۆھەرنىسا ئىمىن، بۇئامىنە غوجىئەبەي)
قۇمباغ كەنتىدىكى دېھقان ئەلى ئابدۇغېنى ئەمدىلا يىغىۋېلىنغان شوخلىلارنى توشۇماقتا.
يەشىكلەرگە قاچىلانغان شوخلىلار پات ئارىدا شۇ جايدىكى بازارغا توشۇلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى