10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شېڭشى چياڭنۇڭ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق بازىسى پارنىكىدىكى شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ماركىلىق يېزا ئىگىلىكى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە ساياھىتى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق خاس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەن–تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كۆپ مەنبەلىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت 1-،2-،3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇنئاي تۇردى)
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىشچىلار ئۈزگەن شوخلىنى سېۋەتكە قاچىلاۋاتقان بولۇپ، نەق مەيداندا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى.
قىپقىزىل شوخلىلار كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى جەلپ قىلاتتى.