تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مېنىڭ ئىسمىم ئانار| ئۈچ يىلدا، ئانار مۇتەخەسسىسى تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى«دارېن»غا ئايلاندۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

«جاۋ ئاكا، بۇ يىل ئۆستۈرگەن ئانارنىڭ مو بېشى كىرىمى مۆلچەرىمدە 8000 يۈەندىن ئاشىدۇ.» 10- ئاينىڭ 7- كۈنى، نۇرمەمەت تۇرامەت تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى جاۋ گوچىڭغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

نۇرمەمەت قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق يېزىسى ئاياغ ئوراڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، نۇرمەمەت ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، دەسلەپكى ئون نەچچە مودىن كېڭەيتىپ ھازىرقى 100 مودىن ئاشۇردى، چۈشكەن ئانارلار بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.

نۇرمەمەتنىڭ ئانارنى ياخشى ئۆستۈرۈشىنى جاۋ گوچىڭنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش- يۆلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جاۋ گوچىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاغىلىق تەجرىبە بازىسىنىڭ مەسئۇلى، ئانار ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا 23 يىل بولدى.

10- ئاينىڭ 7- كۈنى، جاۋ گوچىڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى) دېھقانلارغا مېۋىلىك دەرەخنى چاتاشتىن ئۈلگە كۆرسەتمەكتە. جاۋ گوچىڭ تەمىنلىگەن سۈرەت

2019- يىلى كۈزدە، جاۋ گوچىڭ نۇرمەمەتنىڭ ئانارلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئانارلارنى يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇششاق ئانارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپ، نۇرمەمەتنى ئىزدەپ، ئۇنىڭغا ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئېيتىپ بەردى، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن نۇرمەمەت ئىلمىي ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى.

جاۋ گوچىڭ بۇ يىگىتنىڭ ناھايىتى ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدى، شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەننىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى كۆپەيدى. جاۋ گوچىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۇرمەمەت ئۆستۈرگەن ئانارنىڭ ھوسۇلى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەڭ دەسلەپكى مو بېشى كىرىمى 5000 يۈەندىن ھازىرقى 8000 يۈەنگە ئۆستى.

«بىر- بىرىگە مىنگىشىپ، گىرەلىشىۋالغان شاخلارنى چاتاپ، ئانار شاخلىرىنىڭ ئارىسىدىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا ۋە ھەممە يېرىگە كۈن نۇرى چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

«يېتەرلىك بىيوئورگانىك ئوغۇت ياكى ئەلا سۈپەتلىك مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك، ئوغۇتلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ئانار مېۋىسى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن بولۇشى كېرەك».

«سۇغىرىش جەھەتتىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، ھەر يىلى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ سۇنى كونترول قىلىپ، سۇغىرىش ۋاقىت ئارىلىقىنى ئۇزارتىپ، كېيىنكى مەزگىلدە مېۋىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز».

جاۋ گوچىڭ سۆزلىگەن ئانار ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى نۇرمەمەت كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلىۋالدى. جاۋ گوچىڭ يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، پات- پات كەنتكە بېرىپ نۇرمەمەتنى ئىزدەپ ئۈلگە كۆرسىتىپ مەشغۇلات قىلدى.

ئىلگىرى نۇرمەمەت ئانار مېۋىسى قانچە كۆپ بولسا ھوسۇلى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايتتى، جاۋ گوچىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئانار مېۋىسىنىڭ تاۋار نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئارتۇق مېۋىلەرنى چىقىرىۋېتىشكە كۆزىمىز قىيىشى كېرەك. بولۇققا كىرگەندە، ئادەتتە پەقەت بىرىنچى، ئىككى قېتىمقى چېچەكتىن چۈشكەن مېۋىنىلا قالدۇرۇپ، قالغانلىرىنى ئالماسلىق كېرەك».

دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ھازىر نۇرمەمەت ئۆستۈرگەن ئانارنىڭ يېرىلىپ كېتىش، كىچىك بولۇپ قېلىش نىسبىتى تۆۋەنلىدى، چۈشكەن ئانارنىڭ تەمى ياخشى، سۈپىتى يۇقىرى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، نۇرمەمەت توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئانار سېتىش ئارقىلىق، ئانارلىرى تېخى شېخىدىكى چېغىدىلا زاكاز قىلىنىپ تۈگىدى.

ئادەتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىن «دارىن»غا ئايلانغان نۇرمەمەت ئامال قىلىپ جاۋ گوچىڭغا رەھمەت ئېيتماقچى بولدى، ئۇ ئاناردىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن بىر نەچچە يەشىك ئەڭ ياخشى ئانارنى ئېلىپ قويۇپ جاۋ گوچىڭغا سوۋغا قىلماقچى بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىممۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.

«كۈنلەر ئۇزاق، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز خۇددى ئانارنىڭ دانىلىرى زىچ ئۇيۇشقىنىدەك چىڭ باغلانغان.» دېدى جاۋ گوچىڭ نۇرمەمەتكە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.