تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەردىن مەخسۇس ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئارمىيەدىن چېكىنگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەردىن مەخسۇس ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 7261 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى بېيجىڭ داشۆ، جۇڭگو خەلق داشۆسى، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق 513 ئالىي مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىن ئايرىم تۇرغۇزۇلىدۇ، مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئادەتتىكى پىلان قىلىپ تەڭشەشكە بولمايدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: «ئارمىيەدىن چېكىنگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر پىلانى» بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ھەرقايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ < 2023-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى >نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ئوقۇتۇش [ 2022 ] 3-نومۇرلۇق) ھۆججىتىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، «ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە تىزىملىتىش، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش، ئۆز ئالدىغا چەك ئايرىش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش (تەڭشەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خىزمىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئۆز رايونىدىكى ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ «ئارمىيەدىن چېكىنگەن داشۆ پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر پىلانى»نىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس پىلاننى ئىجرا قىلىش، تەڭشەش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، مەخسۇس پىلان بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.