تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى

ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ قاتارغا ئۆتتى

     [مۇھەررىر ئىلاۋىسى]

10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىرلىشىپ، يۈرۈشلۈك خەۋەر ئېلان قىلىپ، دىققەتنى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەم يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېنېرگىيە، سېلىنما، تاشقى سودا قاتارلىق ساھەلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 302 مىليارد 382 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

«شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ قاتارغا ئۆتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جۇڭجېن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى رەت تەرتىپى 1 ـ پەسىلدىكى مەملىكەت بويىچە 17 ـ ئورۇندىن پەسىلمۇپەسىل ئۆرلەپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى رەت تەرتىپىدە مەملىكەت بويىچە 9 ـ ئورۇنغا ئۆتتى.

1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ ئېشىشىدىن قارىغاندا، 2 ـ كەسىپنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، قوشقان تۆھپىسى ئەڭ چوڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدا 1 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 163 مىليارد 808 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان؛ 2 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 547 مىليارد 961 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن؛ 3 ـ كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 590 مىليارد 613 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 ئاشقان. ئۈچ كەسىپنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم %11.7، %53.7 ۋە %34.6 بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئايرىم ـ ئايرىم 0.5، 2.1 ۋە 1.3 پىرسەنت پوئېنت بولغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش سالمىقى سىجىل زورىيىپ، ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۈچلۈك تەرەققىياتنى يېتىلدۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئۇدا ئۈچ پەسىل مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش، مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى موتورلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. 1 ـ ئايدىن 9 ـ ئايغىچە، مەبلەغ سېلىش سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇش تۈرىدىن جەمئىي 13 مىڭ 660ى پىلانلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1382سى كۆپىيىپ، %11.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 5 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى تۈردىن 74ى بولۇپ، %13.8 ئاشقان؛ 1 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى تۈردىن 456سى بولۇپ، %14.9 ئاشقان.

گەرچە 3 ـ پەسىلدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودىسى زور دەرىجىدە ئېشىشنى ساقلىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ مال ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 172 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.6 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 16.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 45.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 9 ـ ئايدا ئېكسپورت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.09 ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. 3 ـ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 ئۆرلەپ، ئېشىش ھەجمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.