ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −
يېڭى بۇرچنى كۆزلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىنى كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرى:
يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دەرھال دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.
خوتەن ۋىلايىتى:
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىمىز
10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تەشۋىق ـ تەربىيەنى ياخشى ئىشلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈچنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق ئۆگىنىشى، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئۆگىنىشى، دەرھال يولغا قويۇپ، دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى، دائىملاشتۇرۇپ ئۆگىنىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 ـ سېپىگە، ئېتىز باشلىرىغا، زاۋۇت سېخلىرىغا، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىدىن ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىشقا، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى:
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز
ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارغا بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى ۋە مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى:
مالىيە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، داۋاملىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: مالىيە تارماقلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ياخشى روھىي قىياپەت بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مالىيە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشى كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا ياردەم قىلىش ـ يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختىلاش، مۇستەھكەملەش كېرەك. مالىيە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشقان زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى پائال بەرپا قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى:
تەبىئىي بايلىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىمىز
10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن سىستېمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك؛ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، «سان، سۈپەت، ئېكولوگىيە» ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يەر مۇھىم ئامىلىنىڭ كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىنىدىغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى:
پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، يەتكۈزدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باج سىستېمىسىدا قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باج سىستېمىسى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باج كادىرلىرى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن پىكىر يۈرگۈزۈش، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نەتىجىلەردە گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى:
گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش تۆھپىسى قوشىمىز
يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەتلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار»نىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى سۈپەتلىك ئەندىزىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش تۆھپىسى قوشۇش كېرەك.
شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى:
قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز
يېقىندا، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېغىر، زور ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئۇنى پىلانلاپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەمئىيەت ئوت مۇداپىئەسى بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېڭى تەدبىرى، قۇرۇلۇش، تەرەققىيات يېڭى پىكىر يولىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىشلار تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت قىيىن مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىشلىرى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار گو چيەن، پەرىزات ئابدۇل، مېھرىگۈل غوپۇر، رەن خۇ، ۋاڭ يايۈن، مېھرىگۈل ناسىر، شيې خۇيبيەن، گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ بو، شۈ پەن)