تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

ۋەكىل رەھىمە ئاۋۇت:

​خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

«مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە يىغىنغا قاتناشقان چاغدىكى ھەقىقىي تەسىراتىمنى خىزمەتداشلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ھەمبەھرىلىنىمەن.» ۋەكىل رەھىمە ئاۋۇت 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جىنەن شەھەرلىك چاڭچىڭ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ بىر تەرەپتىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا قالدۇرغان خاتىرىسىنى رەتلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن يىغىنغا قاتناشقاندا ئۆگەنگەن، كۆرگەن، ئاڭلىغان، ھېس قىلغانلىرىنى قانداق قىلىپ ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن كۆپچىلىككە ھەمبەھرىلەشنى پىلانلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

غۇلجا شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭنىڭ شەندۇڭدا تۇرۇشلۇق مائارىپ ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى پارتىيە ياچېيكىسى چاڭچىڭ 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولغان رەھىمە ئاۋۇت مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى شەندۇڭغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بىلىم ئىگىلىدى. مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن».

2020 - يىلى 9 - ئايدا، رەھىمە ئاۋۇت جىنەن شەھەرلىك چاڭچىڭ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا ئاساسىي قاتلام مائارىپ ئىشلىرىدا ماھىيەتلىك ھالقىشنىڭ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، ئىلگىرى مائارىپى ئارقىدا قالغان چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپى بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇشىدىن ياخشى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇشىغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى، بۇ ئۇنى دائىم ھاياجانغا سالىدۇ.

ھازىر، رەھىمە ئاۋۇت شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈزلۈك، قىشلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىناق ئۆتىدىغان، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى. «مەن كەسىپنى پۇختا تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىلھام بېرىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ خىزمەتچىسى بولىمەن» دېدى رەھىمە ئاۋۇت.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ۋە ئادەم يېتىشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» رەھىمە ئاۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپ خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، ئىدىيە جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.