تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن

ۋەكىل فاڭ شيەنجېن:

​شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«مەن قانداق قىلغاندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كۆپچىلىككە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشكە يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن» دېدى ۋەكىل فاڭ شيەنجېن 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مۇخبىرغا.

«باش شۇجى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىنى بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلارنى بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش شەرت... شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.» بۇ بىرنەچچە كۈندە فاڭ شيەنجېن ئۆزىنىڭ تەسىراتى ۋە كەسپىي جەھەتتىكى ئويلىنىشىغا بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە ماتېرىياللىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

فاڭ شيەنجېن خېنەن ئۆلكىسىدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، قومۇل شەھەرلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. «چارۋىچىلىق قومۇل يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مەن ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، كەسپىم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئەسقېتىپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ زور رول ئوينىيالايدۇ.» فاڭ شيەنجېن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەقىقىي تۈردە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ چارۋىچىلىقتا ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمەن.

قومۇل شەھىرىنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، فاڭ شيەنجېن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، ئۇ قومۇل شەھىرىنىڭ ھەرقايسى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، كالا، قوي قوتانلىرىنى ئارىلاپ، توخۇ كاتەكلىرىگە كىردى. فاڭ شيەنجېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قومۇل شەھىرى ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرغاندا، دوكلاتنى قولدا تولدۇرىدىغان، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنى ئادەم كۈچى بىلەن ئىستاتىستىكا قىلىدىغان بولۇپ، خىزمەت مىقدارى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىكەن. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى ۋە قومۇل شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن، ئۇ پائال ۋاسىتىچى بولۇپ، يېڭىدىن پاتولوگىيە ۋە پارازىت قۇرت ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، شەھەر، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنى ئۆلچەپ مەلۇم قىلىش تورى قۇرۇپ، مال دوختۇرلۇق تەجرىبىخانىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئۇ يەنە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئورۇنلاردىكى خادىملار بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئۈچ تۈردە تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرغان، تۆت پەن تەتقىقات تۈرىنى تاماملىغان، بەش تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلغان، يەرلىك ئۆلچەمدىن يەتتىنى بېكىتكەن.

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، فاڭ شيەنجېن شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىغا ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، بىر تۈركۈم خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم قومۇل شەھىرىنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەشكىللەپ، خېنەن ئۆلكىسىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى ھەم دۆلەت دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى قومۇل شەھىرىگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلەشكە ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەنگۈچى، تەشۋىق قىلغۇچى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن» دېدى فاڭ شيەنجېن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا قەدەم بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. فاڭ شيەنجېن مۇنداق دېدى: ھازىر قىش كىرەي دەپ قالدى، مەن ھايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۈستىدە ياخشى ئىزدىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلار ۋە باقمىچىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ ياكى تېخنىكىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، قومۇلنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىمەن. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، قومۇل چارۋىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.