ۋەكىل جېڭىس قادىس:
«يېشىل بولۇش»نى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرىمەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى تولۇپ تاشقان غايەت زور ئىشەنچ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئالغا سىلجىتماقتا.» جېڭىس قادىس ئۆزىنىڭ ۋەكىل بولۇپ سايلىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشالىغانلىقىدىن پەخىرلەندى ۋە ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى كۆرسىتىمەن.
جېڭىس قادىس ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى چوڭ ساياھەت، چوڭ ساغلاملىق، چوڭ يېزا ئىگىلىكى، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل كانچىلىق، پورت ئىقتىسادى قاتارلىق ئالتە جەھەتكە مەركەزلەشتۈردى. «تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش كېرەك.» ۋەكىل جېڭىس قادىس ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
«قاناس، كۆكتوقاي قاتارلىق 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى چۆرىدەپ خەلقئارا ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز.» جېڭىس قادىس مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ساياھەت ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا، يەنە «جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى» «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي» قاتارلىق قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىنى نىشانلاپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى قار - مۇز كەسپى چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز ساياھىتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، كەسىپ مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن قار - مۇز كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالتاينى دۇنيا قار - مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار - مۇز ساياھىتى مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئېلىپ كەلگەن بايلىقلار ساياھەتتىن ئىبارەت بىر تۈر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. دۆلەتنىڭ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش تىپىدىكى تاغلىق ئوتلاق ئېكولوگىيەسى فۇنكسىيەلىك رايونى، شىنجاڭدىكى بىرىنچى چوڭ تەبىئىي ئورمان رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي ساغلاملىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. «مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساغلاملىق - كۈتۈنۈش - ئىستىراھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش بىزنىڭ نىشانىمىز.» جېڭىس قادىس مۇنداق دېدى: ئالتاي شەھىرىنىڭ «ساغلاملىق - كۈتۈنۈش +» كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تېز باشلاندى، كەلگۈسىدە پۈتۈن ۋىلايەتكە كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كىچىك بازىرى، ئائىلىۋى مېھمانخانىلار توپلاشقان رايون، جاراھەتنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى، دورىلىق غىزا، دورىلىق مۇنچا، دورىلىق ئىچىملىكلەردىن ئىبارەت خاس ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ماركىلىرىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى، بولۇپمۇ يەرلىك دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسىپ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپنى ھېس قىلدۇرىمىز.
«10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بازىسى ۋە خاس كاربونسىز كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.» جېڭىس قادىسنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىرلا ۋاقىتتا شامال، يورۇقلۇق، سۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش شارائىتىنى ھازىرلىغان بىردىنبىر رايون ئىكەن. تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى ئالتاينىڭ سانائىتى بولۇپمۇ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قانات بولغان. بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسىنى ساقلاپ كۆپ خىل ئېنېرگىيە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، توپلانغان، ساقلانغان ئېنېرگىيەنى ئۆز جايىدا ئىستېمال قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئوڭ تىپتىكى تۈرلەر ماكانلىشىپ قۇرۇلۇش باشلانغان، كېيىنكى قەدەمدە، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىكەن.
ئالتاينىڭ قېزىلما بايلىقى مول، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بىرلەشتۈرگەندە، يېشىل كانچىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات تېمىسىدا جەزمەن بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ. «يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق يېشىل كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.» جېڭىس قادىس مۇنداق دېدى: «يېشىل بولۇش»نى قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسىي رېڭى قىلىپ، ئېچىپ پايدىلىنىش جەريانىدا، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيمىز، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىمىز، تەبىئەتنى قوغدايمىز.
جېڭىس قادىس مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىتتىپاقلاشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى، كۈرەش قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي نەپكە ئايلاندۇرىمىز.