ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش سىنلىق شەكىلدە پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن مۇھىم دوكلات ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن دوكلات بولۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرى بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆگىنىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالى ۋە قۇرۇلتاي روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە ئەزالارنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشىغا دائىر تۈزۈم - مېخانىزملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملىشىپ راۋاجلىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، تەكلىپ، مەسلىھەت بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.