10- ئاينىڭ 24- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى - باغراش كۆلى 100دىن ئارتۇق ئاق قۇنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار كۆلدە بەخىرامان ئوزۇقلىنىپ، قوغلىشىپ ئويناپ، كۆل سۈيى، قومۇش، قۇملۇق بىلەن بىر پارچە ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، كۈز پەسلىدىكى باغراش كۆلىگە ئازادىلىك بېغىشلىدى، ياخشى سۇ سۈپىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مول ئۇزۇق-تۈلۈك ئاق قۇلارنى بۇ يەرگە كېلىپ «مېھمان بولۇش»قا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى قۇشلار ئارىلىنى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى، قۇشلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى، قۇشلارنى تاماشا قىلىش ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، سۇ قۇشلىرىنىڭ ياشاش ماكانىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەپىرىدە توختايدىغان، ئوزۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان تەبىئىي سورۇنغا ئايلاندى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى