ۋەكىل ما يۈ:
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «باشلامچى»لاردىن بولىمىز
□شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا
قانداق قىلغاندا شۇ جاينىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى زورايتقىلى ۋە كۈچەيتكىلى بولىدۇ... 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭغا قايتىش سەپىرىدە، ۋەكىل ما يۈ چوڭقۇر خىيالغا پاتتى: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن بىرىنچى ۋاقىتتا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېزىلارنى تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنى تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن».
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات جەھەتلەردىن گۈللىنىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بۇ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىپ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەن ئۈچۈن يېڭى تېما» دېدى ما يۈ.
ما يۈ سانجى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ھازىر ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتىدە تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەنتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن.
باجياخۇ كەنتى ماناس دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان، ئېكولوگىيە، خەلق ئۆرپ - ئادىتى گەۋدىلىك، تۇپراقنىڭ تەركىبىدە سېلېن مول، سۇ بايلىقى مول بولۇپ، يېزا - كەنت خاس ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، ما يۈ «مەنزىرە بىلەن كەنتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بايلىقنى ئىجارىگە بېرىش، ئائىلىۋى مېھمانخانا ساياھىتى، كەنت بىلەن كارخانا بىرلىشىپ قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئىستىراھەت، سەيلە - ساياھەت، يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى باجياخۇ كەنتىنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويغان سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرىنى بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى ئارقىلىق كەنتنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بېيىتىشقا تۈرتكە بولدى.
چياۋ ئائىلىسى چوڭ قورۇسى، يۇرتۇم خېنەن، ئىتتىپاق چوڭ قورۇسى... قاتار - قاتار دېھقانلار ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، مەنزىرە تاماشا قىلىش، پەسىل قۇشلىرىنى تاماشا قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش، ئائىلىۋى مېھمانخانىغا چۈشۈش، يۇرتنى سېغىنىش باجياخۇ كەنتىنىڭ خاسلىقىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرى «ئېكولوگىيە قاچىسى»نى كۆتۈرۈپ، «ساياھەت تامىقى» يەپ، كىرىمىنىمۇ بارغانسېرى ئاشۇرۇپ، لەززەتلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش شەرت، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ما يۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، دېھقانلار باي گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز.
ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. ما يۈ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ياخشى مۇخبىرى بولۇپ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قولۇمدىكى قەلەم ئارقىلىق خەلقنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى يېزىپ، كامېرا ئارقىلىق خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك كەم - كوتسىز، ياخشى تەشۋىق قىلىمەن».
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار ناھايىتى مول بولدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ <باشلامچى>لىرىدىن بولۇپ، كەنتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇش، مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمەن» دېدى ما يۈ.