ۋەكىل ۋېي جيەنگو:
تارباغاتاينىڭ «ئالتۇن خەتلىك بەش ۋىۋىسكا»سىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ
«يېڭى مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىمىز.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا توختالغاندا، كاتتا قۇرۇلتايغا قاتناشقان پارتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي جيەنگونىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.
«ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنىنى تېزلىكتە قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى روھلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.» ۋېي جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، تارباغاتاي تۇپرىقىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
تارباغاتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ، بولۇپمۇ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەر نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، كىشىلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر نۇرغۇن ھېكايىلەرنى زوقلىنىپ سۆزلەيدۇ. «ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا گىرەلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، ۋېي جيەنگو بىرىنچى ۋاقىتتا قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالتۇن خەتلىك بەش ۋىۋىسكا»نى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرۇش، «ئالتە ئىش»نى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەل بۇنىڭدىكى بىرىنچى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا» ئىدى.
«تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تارباغاتاينىڭ <ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا>سى.» ۋېي جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: يىل ئاخىرىدا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولىدۇ، ئەمەلىيەت داۋامىدا نۇرغۇن تەجرىبە، ئۇسۇللارنى يەكۈنلىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، سودا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تولۇق يۆنىلىشتە ئاتلىنىمىز.
تارباغاتاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي يەنە دېھقان - چارۋىچىلارنى بېيىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»نى جۇلالاندۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. «پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى.» ۋېي جيەنگو مۇنداق دېدى: 10 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات تارباغاتاينى پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق «ئاشلىق ئامبىرى» «گۆش ئىسكىلاتى» «ماي ئىدىشى»غا ئايلاندۇردى، بىز ئۆزىمىزنىڭ مول دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىمىزگە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىمىز؛ «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
«ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلايمىز.» ۋېي جيەنگو مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، يەنە ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، مەسىلە يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى ياخشى تۇتىمىز.
«خەۋپ - خەتەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ۋە دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش» «كادىرلار ئىستىلىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش»... ۋېي جيەنگو پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چىڭ كۆزلەپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈنلۈك بىلەن قىسمەنلىك، ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسى، ماكرو بىلەن مىكرو، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن ئاساسلىق بولمىغان زىددىيەت، خاسلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدىكى تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تارباغاتاي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئاچىمىز.