ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەركى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىدۇ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى سايلاپ چىقىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى. سىياسىي، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغاش كېرەك. ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئالدىن ئۆگىنىپ، ياخشى ئۈلگە بولۇشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نۇقتىلىق، قەدەم - باسقۇچقا بۆلۈنگەن، كۆپ قاتلاملىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تاراتقۇلار، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ۋە نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ دىققەتنى كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇمىي تاكتىكا، باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش جەھەتتىكى ئىلتىماس - تەلىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تىرىشىپ بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 4 - پەسىلدىكى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقى، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىستېمال تولۇقلىمىسى بېرىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا كۈچەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.