ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −
يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ئورنىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
قاراماي شەھىرى:
كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىدە يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دەرھال دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى، يىغىندا قۇرۇلتاي روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئىدىيە يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى، شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلاندى.
قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى شى گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى بېكىتىلگەن ئورنىمىزنى كۆزلەپ، دىققىتىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككى رايون قۇرۇلۇشى» (دۆلەت دەرىجىلىك بايلىق توپلانغان رايوننىڭ تىپنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش) ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، قارامايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بۇرچىمىزنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالەتتە يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.
قومۇل شەھىرى:
كۆپ شەكىلدىكى، قاتلامغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك
10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن شەھەرنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
سۈن تاۋ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلانغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆپ شەكىلدىكى، قاتلامغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، تۈرلۈك تەشۋىقات شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى قەدەم - باسقۇچلۇق، ئاممىغا يېقىن، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كارخانىلارغا، يېزىلارغا، ئورگانلارغا، مەكتەپلەرگە، مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى بىلەن ھازىرنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق تارىخىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن قومۇلنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قومۇل سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېلېۋىزور، تور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىغا تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە، كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات - ئىسلاھات خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي تارماقلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھۆججەت تەييارلاش، يىرىك پىلان تۈزۈش، سىياسەت بېكىتىش، سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرلەرگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:
سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىشكە يەنىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باغچە رايونلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك. تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى قوللاپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سانائەت ساھەسىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى تەرتىپلىك، مۇۋاپىق ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە سىجىل كۈچەپ، سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى:
«قوش ئايلىنىش»لىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىش كېرەك
10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، سىنلىق يىغىن شەكلىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سودا سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىلھامى ۋە يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «قوش ئايلىنىش»لىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، باغچە رايونى ۋە كۆرگەزمە قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق سۇپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى سودا ئوبوروتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار جەزىرە نېسىپبېك، ۋېي يۇڭگۇي، ما يىنىڭ، خېي خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇڭيەن)