تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالمىلار پىشىپ باغۋەنلەر كۈلدى كۆكتاتتىن مول ھوسۇل ئېلىپ كەنت ئاھالىلىرى شادلاندى

  

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچى يېزىسى سىرىلما كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخەت روزىنىڭ ئالمىلىق بېغىدا پىشقان ئالمىلار شاخلىرىغا پاتماي قالغان بولۇپ، مەخەت روزى ئائىلىسىدىكىلەر ئالمىلارنى كۆتۈرگىنىچە خۇشاللىققا چۆممەكتە. بۇ يىل مەخەت روزى ئائىلىسىدىكىلەر ئون مو يەردىكى ئالمىلىق باغدىن 12 توننا ئالما ئۈزدى.

  مەۋلان مەمەت فوتوسى

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى باغچى يېزىسى سىرىلما كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخەت روزىنىڭ ئالمىلىق بېغىدا پىشقان ئالمىلار شاخلىرىغا پاتماي قالدى.

  مەۋلان مەمەت فوتوسى.

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، بورتالا شەھىرى ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى ئارالتوقاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا قىزىلچا يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، شۇ جايدىكى شېكەرچىلىك كارخانىلىرى بىلەن 24 مىڭ 400 مو قىزىلچا زاكاز ئىمزالاپ، قىزىلچا تېرىغان دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  سەي يۇڭجيې فوتوسى.

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن چىڭخۇ بازىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆكتات ئۈزمەكتە. شۇ كۈنى قىروۋ چۈشۈكى مەۋسۇمى بولۇپ، ھاۋا ئاستا-ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى، بۇ تۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ كۆكتاتلارنى تېز-تېز يىغىۋېلىپ، ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسى ھاسىل قىلدى.

  ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن چىڭخۇ بازىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆكتات ئۈزمەكتە.

  ۋېي شىنجياڭ فوتوسى.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.