تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولايلى | قۇرۇت ئىچىدىكى بەخت پۇرىقى

  «بىزنىڭ قۇرۇتلىرىمىز ھازىر ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، خېرىدارلار بىر تېتىپ باقسىلا، ئىختىيارسىز يەنە يېگۈسى كېلىدۇ.» 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسىنىڭ موغات كەنتىدىكى ما مىڭيىنىڭ ئۆيىدىكى «سۈت مەھسۇلاتلىرى»نى ياسايدىغان ئۆيگە كىرگەندە، ئۇ قوشماقلاشقان تۇغقىنى موڭكىسەسىك بىلەن بىللە قۇرۇتنىڭ تەمى ۋە سۈپىتىنى قانداق ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى، خوتۇنى جاڭ شۆيىڭ سۈتنى قاينىتىش، ئېچىتىش، ئارىلاشتۇرۇش، سۇيۇلدۇرۇش، سېرىق ماي ۋە قۇرۇت ياساش بىلەن ئالدىراش ئىدى، چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، موڭكىسەسىك (ئوڭدا) بىلەن جاڭ شۆيىڭ بىرلىكتە قۇرۇت ياسىماقتا.

  نيەن لېي فوتوسى

  ما مىڭيى كەنتتىكى سۈت كالىسى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالە، ئۇ 2011-يىلىدىن باشلاپ سۈت كالىسى بېقىشقا باشلىغان، ئەڭ دەسلەپكى تۆت تۇياقتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 50 تۇياققا يەتكۈچە، ئەڭ دەسلەپكى ئادەم كۈچى بىلەن سۈت سېغىشتىن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ سېغىشقىچە، ئاندىن يەنە يېشىل يېمەكلىكلەرنى چوڭقۇر پىششىقلاشقىچە، ما مىڭيى ئۆزىگە خاس بېيىش يولىنى تېپىپ چىقتى.

  ئەڭ دەسلەپكى باقمىچىلىق يولى ئۈستىدە توختالغاندا، ما مىڭيى قوشماقلاشقان تۇغقىنى موڭكىسەسىككە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا موڭكىسەسىك بۇ يېزىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولۇپ، دائىم كەنتكە كېلىپ كۆپچىلىككە باقمىچىلىق بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى كالا، قويلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى، موڭكىسەسىكنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ما مىڭيىمۇ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق يولىغا ماڭدى. ئۇ گۆش مەھسۇلاتلىرى ياكى سۈت سېتىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى سۈت كالىسى بار بولۇپ، ھەر كۈنى ساغقان سۈتنى ئىچىپ بولالماي، ئېلىپ بېرىپ سېتىپ، كۈندە ئازراق بولسىمۇ كىرىم قىلىشنى ئويلىدى.

  سۈت كالىلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ما مىڭيى تۇغقىنى موڭكىسەسىكنىڭ ياردىمىدە سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئادەم كۈچى تېجىلىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئۈنۈمىمۇ ئۆستى، ئۇ يەنە تۇغقىنىنىڭ ياردەم قىلىپ ۋاسىتە ھەم كۆۋرۈك بولۇشى بىلەن، زاكاز ئېلىپ ساتتى.

  بۇ يىل 8-ئايدا، سۈت سېتىش زەنجىرىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر كۈنى 200 كىلوگىرام سۈت سېتىلماي قالدى. باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى موڭكىسەسىك بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كەنتتىكى سۈت كالىسى باقمىچىلىقى چوڭ ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېزا كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئامال ئىزدىدى، چارە كۆرسەتتى.

  «قانداق قىلغاندا سۈت سېتىشنىڭ باشقا يولىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ» بۇ بىر يېڭى تېمىغا ئايلاندى. موڭكىسەسىك ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، سۈتتىن قۇرۇت ياساپ سىناپ بېقىشنى ئېيتتى، قۇرۇتنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ، سىرتقا چىقىپ مال باقىدىغانلار ياكى يىراققا سەپەر قىلىدىغانلار ئوزۇق-تۈلۈك قىلسا بولىدۇ، ساقلاش ۋە توشۇشقا قولايلىق، باھاسىمۇ يۇقىرى.

  بۇنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ياخشى بولدى دېيىشتى، لېكىن قۇرۇتنى قانداق ياساش كېرەك؟ موڭكىسەسىك مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلە ئەمەس، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچى بولسىلا، مەن كۆپچىلىككە ياساشنى ئۆگىتىمەن.

  موڭكىسەسىك قىلىمەن دەپلا قىلماقچى بولدى، ئۇ ما مىڭيى ۋە جاڭ شۆيىڭنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن قۇرۇت، سېرىق ماي ۋە قايماق ياساشقا باشلىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ياسىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە ماھارەتنى چۈشەندۈردى: تەمى مەززىلىك «قايماق»نى يېڭى سۈتنى قاينىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن يۈزىدە قاتقان بىر قەۋەت سۈت مېيىدىن ئالىمىز...

  موڭكىسەسىك مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى سۈتنى كۆپ قېتىم پىششىقلاپ، كۆپ خىل تەملىك سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياسايمىز، بۇنىڭ بىلەن سۈتنى ھەر قېتىم پىششىقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ ئېسىل تەملەرگە ئىگە بولىمىز. تۇنجى قېتىم پىششىقلاپ قايماق ئېلىشتىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پىششىقلاپ قۇرۇت ياساشقىچە، يېڭى سۈت پۈتۈنلەي قايتا پىششىقلىنىدۇ، بۇ جەرياندا بىر تېمىم سۈتنىمۇ ئىسراپ قىلمايمىز، بۇ دەل خاس سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساش ماھارىتىنىڭ قالتىس يېرى».

  ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ئارقىلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى ۋە ئۆستۈرۈلدى. ھازىر، ما مىڭيى كەنتتىكى داڭلىق شەخسكە ئايلاندى، ئۇ ياسىغان قۇرۇتمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاغزىدىكى «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلاندى، نۇرغۇن كىشى كېلىپ زاكاز قىلدى. سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېزا كادىرلىرى دوستلار چەمبىرىكىدە سېتىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇ ياسىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى «باغراش سوۋغىسى 博湖礼物»غا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىپ، چېكىننۇر يېزىسىنىڭ لاخەننۇر كەنتىدىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلدى.

  موڭكىسەسىك مۇنداق دېدى: «مەن كىچىكىمدىن ئاپامغا ئەگىشىپ سۈت سېغىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن، كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيدە دادام ئەتكەن چاي ئېتىشكە مەسئۇل ئىدى، ئاپام پىشۇرۇلغان سۈتنىڭ ئۈستىدىكى قايماقنى سۈزۈۋېلىپ، ئەتكەن چايغا سالاتتى، چايدىن تارىغان مەززىلىك پۇراق ئەسلىمىلىرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلانغان...» موڭكىسەسىك شۇنداق دېگەچ «كىچىك ۋاقتىدىكى تەم» ساقلانغان پارقىراق بىر پارچە قايماقنى قولىغا ئالدى، قايماقتىن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سۈت پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز كىچىك ئەمما سەرخىل، كىچىك ئەمما ئەلا، كىچىك ئەمما كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خاس سۈت مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى موڭكىسەسىك. (ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي )

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.