تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قورغاس: زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى قىزىلچا تېرىغۇچىلارنى مول ھوسۇلغا ئېرىشتۈردى

  سوغۇق شەبنەم مەۋسۇمى كىرىشى بىلەن، قورغاس شەھىرىنىڭ ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىدىكى 650 مو قىزىلچا ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، تىرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئوچۇق ھاۋادىن پايدىلىنىپ، ئادەم كۈچى، ماشىنا تەشكىللەپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇل يىغدى، ئېتىز باشلىرى مول ھوسۇل شادلىقىغا تولدى.

图片

图片

  ئىچېگاشەن كەنتىدىكى تىرىقچىلىق ئائىلىسى گۇەن جەنشىنىڭ قىزىلچا ئېتىزلىقىدا، ئىشچىلار چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىدا ئۆزئارا ماسلىشىپ قىزىلچا يىغدى، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى. بۇ يىل، ئۇ يەر ئوبوروتى ئارقىلىق قىزىلچا تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى، مول تەجرىبىسىگە يىل بېشىدا ئىمزالىغان سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  گۇەن جەنشى مۇنداق دېدى: «باش ئەتىيازدا مەن 66-تۇەن سىفاڭ شېكەرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەر توننىسىنى 600 يۈەندىن يىغىۋالىدىغانلىقى توغرىسىدا توختام ئىمزالىغان. بۇ يىل 350 مو يەرگە قىزىلچا تېرىدىم، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 7.6 توننا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2600 توننا ئەتراپىدا بولدى. بۇ يىل قىزىلچىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

图片

图片

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى «شىركەت + دېھقان» ئەندىزىسى بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. تېرىقچىلىق قىلىش مۇددىئاسى بار دېھقانلارنى شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن قىزىلچا زاكاز توختامى ئىمزالاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق تاللاش، ئېتىز باشقۇرۇشتىن تارتىپ ھوسۇل يىغىش، توشۇشقىچە، ئالاقىدار تارماقلار پۈتۈن مۇساپىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىچېگاشەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لياڭ شۇەي مۇنداق دېدى: «بىز كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش، ماشىنىلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش، تۈجۈپىلىك پەرۋىش قىلىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى قەرەللىك ھالدا ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەردۇق. دېھقانلارنى چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئارقىلىق يەرنى چوڭقۇر بوشىتىپ تۈزلەشكە، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپ بېرىشكە، ئىلمىي ئۇسۇلدا كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ۋە ماشىنىلاشقان يىغىشقا يېتەكلەپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردۇق».

图片

  قىزىلچا يىغىش خىزمىتىنى تېزدىن تاماملاش ئۈچۈن، ئىچېگاشەن شىبە يېزىسى تىراكتور، يوپۇرماق قېقىش ماشىنىسى، شۇاڭچياۋ ماشىنا قاتارلىق 15 چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى ۋە قىزىلچا يىغىش ئىشچىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئاقما مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، قىزىلچىنى توشۇش، يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى ماسلىشىپ تاماملىدى. ھازىر 80 مو يەردىكى قىزىلچا يىغىۋېلىندى، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق يىغىۋېلىنىدىكەن.

  (قورغاس شەھەرلىك تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىر: لى مىڭ، ليۇ يۈلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: شۇئاق)

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.