شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ئاڭلىغان، كۆرگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −
يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىمىز
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. سائەت 12لەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېلېۋىزور، رادىيو، تور قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئاڭلىدى، كۆردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. كۆپچىلىك خۇشاللىققا چۆمۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا تولۇپ بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىمىز.
پارتىيەگە سادىق بولۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز
«سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك ئاپپاراتى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.» پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئورۇزئالى قاشقارباي شۇ كۈنى بېيجىڭدىكى تۇرۇشلۇق جايىدا كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن روھلاندى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىمىز.
«يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز!» ئاپتونوم رايوننىڭ سودا سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ئاڭلىغان، كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
«يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى مۇقەررەركى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دىلشات سايىم مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى تېزدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گۈزەل ئاقسۇ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز.
«بۇ، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى، قەتئىي ھىمايە قىلىمىز!» يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بارلىق تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چەكسىز روھلاندى. «يېڭى مۇساپىدە، بىز كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىمىز. ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چوقۇم قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» دېدى يېڭىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياڭ يۇڭچۇن قەتئىيلىك بىلەن.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم ئۇنىۋېرسال مەشىق بازىسىنىڭ جېڭۋېيسى ليۇ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: «بىز شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى قىسىم قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشتىكى پىكىر يولىغا، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تەدبىرگە، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز».
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزە يارىتىمىز
«جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىمۇ جۇڭگوغا موھتاج.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ گاڭغا ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى.
چاقپەلەكنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ شامالدىن ئىبارەت بۇ تۈگىمەس تەبىئىي بايلىق مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدىغان يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيەگە ئايلاندى. 10 يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ شامال گېنېراتورلىرى پۈتۈن يەرشارىدا قەد كۆتۈردى. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ئىشەنچى بار، ئىقتىدارىمۇ بار.» ۋۇ گاڭ قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. جۇڭگودا ياسالغان شامال گېنېراتورى ئېلىپ كەلگەن تۈگىمەس يېشىل، پاكىز ئېنېرگىيە مۇقەررەركى دۇنيانى يورۇتىدۇ، كەلگۈسىگە تۈرتكە بولىدۇ.
«شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەر مۇقەررەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ گۇاڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېھتىياجنى نىشانلاپ، ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق ياخشى قانات يايدۇرىدۇ.
«ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنىڭ ئەڭ زور ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى، غەيرىتىمىزنىڭ ئاساسى، كۈچىمىزنىڭ ئاساسى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە چوقۇم يېڭى تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتالايدىغانلىقىمىزغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى خەن رۇڭ مۇنداق دېدى: تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن خەلق ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
«يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەممىدە باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.» «بىز باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىن خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇخەبەر مەمتىمىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىزچىل پۇقرالارنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە پۇقرالارنى نەزەردە تۇتتى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم قەرەلىدە ئىشقا ئاشىدۇ.
«باش شۇجى ياخشى سۆزلىدى، كۈچكە تولدۇق، ئۈمىدكە تولدۇق.» كۆكتوقاي ناھىيەسى كۇرتى يېزىسى دالا ئاۋۇز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بىرلېس پازىل كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرۈۋېتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. بىرلېس مېيىپ بولۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىپ تىجارەت قىلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىغانىدى. «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن. باش شۇجىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىمەن! بۇنىڭدىن كېيىن مەن بىر يېڭى پىلان تۈزۈشنى ئويلاشتىم، ئۆزۈم بېيىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىمدىكى يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى بىرلېس.
ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىمىز
يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر.
«بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۆلەت تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتكەن قوللىنىشچان تىپتىكى تولۇق كۇرسنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 100 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۆيۈەنىمىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ۋە يېشىل كان كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مائارىپ قۇرۇلمىسى، پەن - كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك داشۆ بەرپا قىلىدۇ.
«ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، بۇرغا چېلىندى، بىز ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى ئېنېرگىيە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېنېرگىيە يىرىك پىلان تەتقىقاتى بويىچە تېخنىكا مەخسۇس مەسئۇلى جىڭ شىبو مۇنداق بىلدۈردى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەتقىقات مەركىزىنىڭ «ئاقىل چوڭ مېڭە»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيىتى، ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى، بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش.
ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ - تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۇڭنيەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نوپۇس كۆلىمى غايەت زور زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەسەر ئارقىلىق، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئاممىنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننىڭ چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.» شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئاقچىن چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇئەلى ئىسمايىل مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، بۇ جاينىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز.
10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەتىگەندىلا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرى دىيى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مانات نۇردانبېك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بالدۇرلا تۆگىلەرنى سېغىپ بولۇپ، تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرۈشۈش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆردى.
مانات 2012 - يىلىدىن باشلاپ تۆگە باقتى ھەم 2013 - يىلى قوي - كالا بورداش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. «باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى ئىللىق ۋە يېقىشلىق بولدى. بىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنى ئىلمىي باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، <باقمىچىلىق، سويۇش، پىششىقلاش>تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز» دېدى مانات.
(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، جاڭ جىلى، خېي خۇڭۋېي، جاڭ يەنفاڭ، ياڭ شۇخەن، شيې خۇيبيەن، سۇ لۇپىڭ، پەرىزات ئابدۇل، جاۋ شىيا، چېن چياڭۋېي، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ شۇاڭلۇڭ، دىڭ لېي، خاۋ زۇڭلياڭ، خۇ جىنلياڭ، ۋاڭ چېڭ)