تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بېلىقلار سەكرەپ تۇرغان، ئاشلىقلار ئامبارغا تولغان، ئالمىلارنىڭ خۇش ھىدى تارالغان... يەنە بىر يىلدىكى «مول ھوسۇل»لۇق مەنزىرە

  

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسى جۈشىتاڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى مول ھوسۇل ئالغان چۈجگۈن قوناقلارنى كۆرسەتمەكتە.

جاڭ تاۋ فوتوسى

  بۇ يىل، ساۋەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى جۈشىتاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى خېنەندىن چۈجگۈن قوناقنىڭ يېڭى سورتىنى كىرگۈزۈپ، بوش يەردىن پايدىلىنىپ 30 مو يەرگە سىناق قىلىپ تېرىدى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ھازىر چۈجگۈن قوناق ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

  ​ 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى جۈشىتاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چۈجگۈن قوناق ئورۇشىغا ياردەملەشمەكتە.

  جاڭ تاۋ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساۋەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ شاڭخۇدى يېزىسى شياۋكېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يېڭىلا تۇتقان بېلىقلارنى يۆتكەپ توشۇشىغا ياردەملەشمەكتە. ھازىر ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسىدىكى چيەنچۈەنخۇ كۆلى بېلىق كۆلچىكىدىكى تاتلىق سۇ بېلىقلىرى تۇتۇش پەسلىگە كىردى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بېلىق تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  جاڭ تاۋ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساۋەن شەھىرى شاڭخۇدى يېزىسى شياۋكېڭ كەنتىدىكى باقمىچى ئەمدىلا تۇتقان بېلىقنى كۆرسەتمەكتە.

  جاڭ تاۋ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى سات كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئالمىلارنىڭ ئايرىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جاي خاس باغ-ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالمىنىڭ سۈپىتىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركا يارىتىش ۋە «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئېلېكتىرونلۇق سودا + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئالما كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى سات كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئالمىلارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

  فەن گۇڭپىڭ فوتوسى

  10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى سۆگەتئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. ھازىر ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 130 مىڭ مو يەردىكى ئالما ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ بازارغا سالدى.

  ئېزىز سامساق فوتوسى

  10-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى سۆگەتئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئالمىلارنى ئايرىماقتا.

  ئېزىز سامساق فوتوسى

  10-ئاينىڭ 21-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرى كۇڭپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چىلانلىقتا چىلان ئۈزمەكتە. ھازىر، لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرى كۇڭپەن كەنتىدىكى 300 مودىن ئارتۇق يەردىكى چىلان ئارقا ـ ئارقىدىن پىشتى، چىلان ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار يىغىۋېلىش، ئاپتاپقا سېلىش، بازارغا سېلىپ سېتىشنى تېزلەتتى.

  خۇي شياۋچيەن فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.