تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەۋلانجان ئابدۇقېيۇم: ئالدىنقى قاتاردىكى ئۈسكۈنە خېسۇەن تەكشۈرۈشنىڭ تېخىمۇ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

  «مەن ئاساسلىقى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى بېكىتىش ۋە يۇقىرىغا يوللاشقا مەسئۇل، ئەڭ يېڭى كۆپمە يوپۇقلۇق فاڭساڭ تەجرىبىخانىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا بولىدۇ» دېدى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، كورلا شەھەرلىك كۆپمە يوپۇقلۇق فاڭساڭ تەجرىبىخانىسىدا خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىغان مەۋلانجان ئابدۇقېيۇم.

  10-ئاينىڭ 17-كۈنى، كورلا شەھەرلىك كۆپمە يوپۇقلۇق فاڭساڭ تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەۋلانجان ئابدۇقېيۇم.

مەۋلانجان ئابدۇقېيۇم تەمىنلىگەن

  مەۋلانجان يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قان بېرىش بۆلۈمى ۋە PCR تەجرىبىخانىسىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا كورلا شەھىرىدىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى. 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، مەۋلانجان كورلا شەھىرىگە ياردەم بېرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئالدىراشلا ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ، كورلا شەھىرىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى.

  8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ كورلا شەھىرىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، مەۋلانجان بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى تاللاپ ئەۋەتكەن تېببىي خادىملار ئىزچىل خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا رايونلاردا خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى.

  «بىز كۆچمە خېسۇەن تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ كەلدۇق، ئاساسلىقى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ چىقىپ، كورلا شەھىرىنىڭ خېسۇەن تەكشۈرۈش بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتۇق» دېدى مەۋلانجان.

  خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا، مەۋلانجان باشتىن-ئاخىر خىزمەتنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى دەرىجىگە ئايرىپ يەتكۈزۈپ، ھەر بىر خادىمغا بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىشنى تەكىتلىدى.

  8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەۋلانجان تۇرۇشلۇق قەشقەر تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەترىتى كورلا شەھەرلىك كۆپمە يوپۇقلۇق فاڭساڭ تەجرىبىخانىسىغا تولۇق يۆتكەلدى. دەسلەپتە قەشقەر ۋىلايىتىدىن ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتىدىكى 25 ئەزانىڭ ھەممىسى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرەتتى، ھازىر تولۇق ئاپتوماتىك خېسۇەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

  «بۇ، ھازىرقى ئەڭ ئىلغار ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئايرىش ھاجەتسىز، سۈرئىتى تېز، توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى» دېدى مەۋلانجان.

  10-ئاينىڭ 14-كۈنى، كورلا شەھەرلىك كۆپمە يوپۇقلۇق فاڭساڭ تەجرىبىخانىسىدا ئالتە ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  ئادەم كۈچى بىلەن تەكشۈرگەندە، ئادەتتە بىر ئادەم ياكى ئىككى ئادەم ئەۋرىشكە ئالىدۇ، بىر گۇرۇپپىدىكى 92 نەيچىدىن تولۇق ئەۋرىشكە ئېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 13-12 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، تولۇق ئاپتوماتىك ئايرىش ئىستاكانىدا بىر گۇرۇپپىدىكى 92 نەيچىگە پەقەت توققۇز مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ.

  «ئادەم كۈچى ئارقىلىق خېسۇەن تەكشۈرگەندە، بىز ئەۋرىشكىنى ئېلىپ، قول بىلەن ئېغىزىنى ئېچىپ، ئاندىن ئەۋرىشكە كىرگۈزۈش تاپانچىسى بىلەن ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنى ئېلىپ، تەجرىبە دورا قۇتىسىغا سېلىپ تەكشۈرىمىز. ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى ئەۋرىشكىنى كىرگۈزسىلا، ماشىنا ئاپتوماتىك ھالدا ئېغىزنى ئېچىپ، ئەۋرىشكە ئالىدۇ، تەكشۈرىدۇ، بۇ تېخىمۇ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، توغرا بولىدۇ» دېدى مەۋلانجان.

  37 كۈندىن بۇيانقى كورلىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ھەربىر ئەترەت ئەزاسى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىشەنچلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  «بىز چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى مەۋلانجان.

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.