تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى丨تارىم دەرياسى ياخشىلاندى، خۇددى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىدەك

  «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە، جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا — تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىقنىڭ چوڭ بىر پارچە سۈرىتى بار. سۈرەتتە، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى كۆك ئاسماننى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئىككى قىرغاقتىكى ئورمانلىق ئالتۇن ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، بۇ دەل شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  2022-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، چۈشەندۈرگۈچى «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تۈزەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى تونۇشتۇرماقتا.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ لېي فوتوسى

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش شەرت دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، ھازىرغا قەدەر، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا 23 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. سۇنىڭ ئۆزگىرىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  تارىم دەرياسى ياخشىلاندى، خۇددى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىدەك!

  2022-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، تارىم دەرياسى ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتاتتى، ئىككى قىرغاقتىدىكى توغراقلىق بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇش شەرتى ئاستىدا، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا 23-قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى قوزغاتتى.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

  2020-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەرنىڭ مەنزىرىسى.

لى فېي فوتوسى

  2016-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.

  بۇرېن تۇگۇس فوتوسى

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.

  چۆ. خۇرە فوتوسى

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، تارىم دەرياسى بويىدىكى تارىم ياۋا بۇغىسى.

  ئابلىكىم فوتوسى

  2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئەتىۋارلىق پەسىل قۇشى قارا لەيلەك تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىدە ئوزۇق ئىزدىمەكتە.

  چۆ. خۇرە فوتوسى

  باش باھار مەزگىلىدە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تېتىما كۆلى يۈزىدىكى مۇزلار ئېرىدى، سۇ دولقۇنلىرى جىمىرلاپ، سۇ قۇشلىرى پەرۋاز قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە شەكىللەندى.

(2019-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، جاۋ شۆلۇڭ فوتوسى)

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى لوپنۇر ناھىيەسى بۆلىكىدىكى لوپنۇر كۆلى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، قۇملۇق، كۆل، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

(2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ياڭ كۇن فوتوسى)

  2022-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر تىك ئۇچار تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراقلىق رايونىدا بىيولوگىيەلىك دورا چېچىپ ئەتىيازدىكى كېپىنەك لىچىنكىسى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  لى فېي فوتوسى

  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى تارىم دەرياسى قىرغىقى بويلاپ چارلاش-قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  2019-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئورمان مۇھاپىزەتچىسى كۆزىتىش مۇنارىدا تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.

  لى فېي فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.