− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
قالتىس 10 يىلدا شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى، ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ دەۋردە تۇرۇپ، چەكسىز ئىشەنچ، ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىغا تولدۇق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
«ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش».
ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى 10 - ئايدا، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى تاغ - دەريالار بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقارغان چاقىرىقى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خىتابنامىسى، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، جاسارەت بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرى، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بولۇپ، 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى.
«سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ جۈن مۇنداق دېدى: «يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن <ئىككىنى تىكلەش>نى چىن قەلبىمىزدىن ھىمايە قىلىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز شەرت؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز شەرت؛ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز شەرت. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك».
يېڭى دەۋردە مەردانە قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.
كورلا شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. شۆيۈەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى تاۋ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار خىزمىتىنىڭ قىزغىن تەشكىللىگۈچىسى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قاينام - تاشقىنلىق ئەمەلىيىتىدە يارقىن ياشلىق گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
«مېنىڭ ھازىر ھەر كۈندىكى ئەڭ مۇھىم ئىشىم پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش.» ساۋەن شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى جىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى خەن بو مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوپىراتىپىمىز كىچىكلىكتىن زورايدى، نۆۋەتتە تۈرلۈك پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن 60 نەچچىسى، تۈرلۈك تىراكتوردىن 435ى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىدىن 2000دىن كۆپرەكى بار. ئۇلۇغ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، يېڭى دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، مەن كوپىراتىپ ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش دولقۇنىدا باشلامچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىمەن».
كەچ كۈز پەسلىدە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 300 مىڭ مو يەردىكى قىشتا ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتاتلاردىن ھوسۇل ئېلىندى، 1 مىليون 300 مىڭ مو يەرگە كۈزگى ئاشلىق تېرىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى. خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جولياڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي بايانلارغا ئىزچىل دىققەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز دوكلاتتىكى كۆرسەتمە بويىچە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».
(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار رەن خۇ، ۋاڭ شىنخۇڭ، جاڭ جىلى، سۇڭ ۋېيگو، دۇ جيەنخۇي، رايىدە، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل، سۇڭ ياۋېن، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جىڭ، گۇەن شياڭرۇڭ، چاڭ يىرۇ)