تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكىمۇ ئېھتىياجلىق.

«مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش كېرەك»، 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېپيېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى تارىخىي ئورۇندا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئاساس تۇتۇلسا، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: دەۋر بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىدا ياخشى مېڭىشتا مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە ئىشىنىشنىڭ چوڭقۇر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

«بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.» بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزى ۋەكىل كوۋ شياۋيەننىڭ قەلبىگە ئىزچىل ئورناپ كەتكەنىدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قىزىل گېن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا مول قىزىل مەدەنىيەت سىڭگەن. بىز ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق كىشىلەرگە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مول، ئىچكى خاس مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىتىشىمىز، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىغا قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشىمىز، چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى ۋەكىل كوۋ شياۋيەن.

كوۋ شياۋيەن مۇنداق قارىدى: قىزىل يادىكارلىق، كونا جاي، كۆرگەزمىخانا، ئىشخانا قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق ماتېرىيال قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يۇمشاق ماتېرىياللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىل بايلىقلارنى «جانلاندۇرۇپ»، قىزىل بازىلارنى «ئاۋاتلاشتۇرۇپ»، ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنى پۈتكۈل جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. كەيپىيات ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەكىل رەھىمە ئاۋۇت تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەردە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. ئۇ مۇنداق قارىدى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، روھ قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك، «ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى كىشىلىك ھاياتنىڭ بىرىنچى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشكە يېتەكلەش كېرەك».

رەھىمە ئاۋۇت مۇنداق قارىدى: ئاشكارا تەربىيە بىلەن يوشۇرۇن تەربىيەنى، دەرسخانا تەربىيەسى بىلەن دەرستىن سىرتقى تەربىيە قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى ھېكايە سۆزلەش، بايرام ئۆتكۈزۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرگە سىڭدۈرۈپ، باھار يامغۇرىدەك ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمىز

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچ مەنبەسى، مەنىۋى مەنبەسى. توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يېتىلدۈرۈش، ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.» ۋەكىل گۈلەمبەر روشەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاجىكئابات بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت مەيدانى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنى، مەدەنىيەت كىتابخانىسى قۇرۇپ، مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسىدە ئويۇن قويۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۇق...كېيىنكى قەدەمدە بىز مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىمىز».

«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتۇر.» گۈلەمبەر روشەن مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىك جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى، چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغان بولدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەرىكىتىدە تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى».

ھازىر، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشتە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش ئىنتايىن مۇھىم. «بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش ھەم تارىخىي مۇقەررەرلىك، ھەم دەۋرنىڭ ئېھتىياجى» دېدى ۋەكىل رىزۋانگۈل ساۋۇت.

رىزۋانگۈل ساۋۇت مۇنداق بىلدۈردى: مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەھەللىنىڭ «مىكرو ھۈجەيرە»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىچىك ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرىگە كېلىپ، يارغول قەدىمىي شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

يارغول قەدىمىي شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولۇپ، كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، ئىسسىق بولغاچقا، نەچچە ئونمىڭلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى، 1400دىن ئارتۇق جايدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى خارابىسى بار، تۇرپان مۇزېيىدا 20 مىڭ(يۈرۈش)دىن ئارتۇق بۇيۇم ساقلانماقتا.

«بۇ ساقلانما بۇيۇملار كۆپچىلىككە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداش، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈرۈش تارىخىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.» ۋەكىل قەيسەر قېيۇم مۇنداق دېدى: يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا تايىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ئىپادىلەش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

بىر ياخشى ھېكايە بىر مۇنچە داۋلىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. مۇشۇ يىللاردا، ۋەكىل زۇلھايات ئىسمايىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا ھەمدە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆز كەچۈرمىشى ۋە پۇختا تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، سانسىزلىغان «مەستانە»نى جەلپ قىلدى.

20 - قۇرۇلتاينىڭ تۇنجى مەيدان «پارتىيە ۋەكىللىرى يولى»دا، ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن شىنجاڭدىكى تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىدا كۆرگەنلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسى ئابستراكت ئەمەس، بەلكى كونكرېت بولۇپ، بىپايان تۇپراقتا ھەر كۈنى بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتىكى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھەقىقىي خاتىرىلەپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كىشىلىك تۇرمۇش يۆنىلىشىنى بايان قىلماقتا.» زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: بىز تارقىتىش قوشۇنىنى داۋاملىق زورايتىپ، تارقىتىش ئاۋازىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق تارقىتىش ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى، جۇڭگو شىنجاڭ ساداسىنى «كەڭ تارقىتىپ» «تېخىمۇ ياڭرىتىپ»، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.