− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، ۋاڭ نا، ياڭ شۇخەن
«دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قانۇنچىللىقتا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مەردانە قەدەم ئاۋازى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى قانۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.
سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا <دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش> ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم نۇقتىلىق بايان قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دوۋ چاۋخۇي.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى. ھەر ئاينىڭ 9 -، 19 -، 29 - كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، 100دىن ئارتۇق يەرلىك نىزامنى ئېلان قىلىپ ۋە تۈزۈپ، ئۆزگەرتىپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوۋ چاۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سىياسىي - قانۇن تارماقلىرى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قوغدايدۇ.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب، ئۇ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە تىنچ - ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.
«بۇلتۇردىن بۇيان، بىز مەھەللىدە ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا قانۇنچىللىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتۇق.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ياڭزىجياڭ يولى كوچا باشقارمىسى ياڭزىجياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ ۋېنجيەن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى قانۇنچىللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قانۇن بىلىملىرى ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى.
جۇ ۋېنجيەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت داۋامىدا قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنى قانۇندىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا زور كۈچ بىلەن يېتەكلەپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
«جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، جازاغا قوشۇلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش، قولغا ئېلىشنى ئازايتىش، شىكايەت قىلىش، قاماشتا ئېھتىياتچان بولۇش، ئاممىۋى پاراۋانلىق دەۋاسى قىلىش... خىزمەتكە قاتناشقان بۇ بەش يىلدا، مەن تەلىيىمگە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە پائال ئادا قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتەك جانلىق ئەمەلىيىتىگە گۇۋاھ بولدۇم ۋە قاتناشتىم.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرىنچى تەپتىش بۆلۈمىنىڭ 3 - دەرىجىلىك تەپتىش ياردەمچىسى جاڭ كەيچېڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا قانۇنچىللىق تەپەككۇرى سىڭدۈرۈلگەن، قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىنغان، بۇنىڭدىن كېيىن بىز قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن دېلو بېجىرىپ، قانۇنچىل جۇڭگو، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنى قوشىمىز!
ياخشى قانۇنچىل مۇھىتنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جەزمەن قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىمىز شەرت.
«يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە شەھەر دائىرىسىدە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 1 - قارارلىق شەھەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، <زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش> مەركىزى، مەھەللە <تۆتلەشتۈرۈش> قۇرۇلۇشى، <بەش ئىدارە قىلىش>نى يۇغۇرۇش قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چىن يەنكې مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتى تەشكىللىك جىنايەت رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى زو خۇي مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە باشتىن - ئاخىر قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تېخىمۇ تىنچ - ئامان، ئاممىنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم، خۇشال - خۇرام بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
«ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلق دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇللۇق خىزمەت. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ ۋېيپىڭ.
جاڭ ۋېيپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى بىلەن قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنى تىرىشىپ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
«بۇ يىلدىن بۇيان بىز 200دىن ئارتۇق زىددىيەت - ماجىرانى ھەل قىلدۇق» دېدى فۇكاڭ شەھىرى شەرقىي جۇڭغار كوچا باشقارمىسى قار لەيلىسى مەھەللىسى «مەرۋان مۇرەسسە ئىشخانىسى»نىڭ باش مۇرەسسەچىسى مەرۋان دەلىلقان. بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن مەرۋان 2017 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىزچىل خەلق مۇرەسسەچىسى بولۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ غېمىنى يەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز خەلق مۇرەسسەچىلىرى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشتەك ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش بويىچە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە پائال قاتنىشىپ، ماجىرالارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىناق قىلىمىز» دېدى مەرۋان.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 2 - سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى جاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان پېشقەدەم سودىيە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، ئامما ئۈچۈن تۈرلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن.
ئامما ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئەمەلىي ئىشىنى ياخشى بېجىرىمىز
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دەپ كۆرسىتىلدى.
«بۇ يىل 3 - ئايدا، ئادۋوكاتنىڭ قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن، مەن دەۋادا يېڭىپ، 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم پۇلغا ئېرىشتىم.» توقسۇن ناھىيەسى ئاھالىسى كېرەم قېيۇم مۇنداق دېدى: قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوكلاتتىكى خەلقچىل ھېسسىياتتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ھەربىر پۇقرانىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج، مەن سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالتاي شۆبە مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش خەن چۇەنجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دېلولارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى بېجىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئايرىم دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كونكرېت ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
«مەن <خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسىتى>دە قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرىمەن.» شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خادادۆڭ ساقچىخانىسىنىڭ جياۋداۋيۈەنى راخمان ئەخەت 13 يىلدىن بۇيان قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىكى توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە يىلتىز تارتىپ، چارۋىچى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئېكولوگىيە بايلىقىنى قوغدىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىچىك ئىشلىرىنى باشتىن - ئاخىر خەلق ساقچىسىنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايمەن.
«بىز ئامما نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز.» تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: دەۋالاشقۇچىلارنى سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا تولۇق پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە سوت سىرتىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، رەقەملەشكەن ۋاسىتە ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق توردا ئەرز قىلىش، تەكلىپ بېرىش، باھالاش، ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.
«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش - بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خۇاڭ شىنيەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ يېزىلاردا بىر تۈركۈم «قانۇن ئاقىللىرى»، «قانۇن ئىدارە قىلىش باشلامچىلىرى»نى يېتىشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ھېكايىلىرىنى ئورتاق ياخشى سۆزلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىپ، قانۇن مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىق، ئىناقلىقنى قوغدايمىز.