− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.
دوكلاتتا، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز.
خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىمىز
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلققە بەخت يارىتىش − ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.
«پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى ئۆزىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى قىلىپ كەلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوتسېنت خې ۋېيچاڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا مۇقىم بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى. 10 يىلدىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى پۇقرالار كۆل سۈيى، قىرتاق، شورلۇق سۇ بىلەن خوشلىشىپ، «ساغلاملىق سۈيى» «بەخت سۈيى» ئىچەلەيدىغان بولدى، يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەنگە يەتمەيتتى، بۈگۈنكى كۈندە 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.
«دوكلاتتا <كۆپ ئىشلىگەن كۆپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، پۇرسەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى.» مارالبېشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياۋ نىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ناھىيەدىكى كەسپىي ماھارەت مەكتەپلىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئەمگەك كۈچلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى زورايتىپ، پاختا، چارۋىچىلىق، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ناھىيەنىڭ ئەۋزەل بايلىقىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ھەممە كىشىنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش> <ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش> قاتارلىق مەزمۇنلاردا، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى چىڭ تۇتۇلغان.» دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى پاتىگۈل يېربول مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، بۇرچىن بازىرى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەم ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ھەم ئاھالىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشتى.
خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىمىز
ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى قاتارلىقلار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالى، تىنچ - ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە قولاي بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى قوللانما ۋە يېتەكچى تۇرغۇزۇپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى خەلقنىڭ مەيدانىدا تەۋرەنمەسلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكىش تىپىدىكى سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەھىيە - ساغلاملىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ساغلاملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر پىڭ شىنلەي مۇنداق بىلدۈردى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى زىچ، پۇختا توقۇيدۇ.
«گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا، بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» قەشقەر شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر ئابدۇغۇپۇر مۇنداق دېدى: دوكلاتتا مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش، مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەت ئەھۋالى ۋە ئېھتىياج ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاپ، «ئىللىق ماكان» تۈرىنى سىجىل يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم بۇرچ ۋە كۈرەش نىشانى قىلىپ، مېيىپلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
ئورتاق كۈرەش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمىز
10 يىللىق مۇۋەپپەقىيەت كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېڭى مۇساپىدە، ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قاتناشقۇچى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى ۋە تۈرتكە بولغۇچى.
«مۇشۇ يىللاردا بىز دەل پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.» 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاقچى ناھىيەسى سۇمتاش يېزىسى ئاقتالا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۈيشەن چوكەشنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى.
دۈيشەن چوكەش دۇكان ئاچقان، ئۇششاق تىجارەتمۇ قىلغان، 2011 - يىلى كەنتكە قايتىپ كېلىپ ئاقچى ناھىيەسى بۈركۈت يۇرتى باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جاينىڭ باقمىچىلىق كەسپىنىڭ «سەركە»سىگە ئايلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 229 ئائىلىنىڭ پاي قوشۇپ پايدىغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپەيگەن كىرىمى 8290 يۈەن بولدى.
«خۇددى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېيتىلغاندەك، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈردى! مەن يۇرتداشلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، قوي - كالىلارنى تېخىمۇ ياخشى بورداشقا يېتەكلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.» كەلگۈسىگە تەلپۈنگەندە، دۈيشەن چوكەش ئىشەنچكە تولدى.
«بىز تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىمىز.» بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى سۇبتا مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. بورتالا شەھىرى شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشى، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ باراۋەر مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئىش ئورنىنى توپلاش، ئىش ئورنىنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەشنى كۈچەيتىش، تەشۋىق قىلىش، تەۋسىيە قىلىش، يوللاش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىمەكتە. «بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا دەل جايىدا ياردەم قىلىش - يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش، سىياسەت يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جياۋ يۇڭ.
(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، سۇڭ ۋېيگو، گاۋۋا، لى لىن، سۇڭ ياۋېن، سۇ لۇپىڭ، گۇەن مېڭيىڭ)