تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيەتتە ئۆزىمىزگە ئىشىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: 10 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، دىققەتنى بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىمىز.

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مەنبە قىلىنغان مەنىۋى شەجەرىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

10 ـ ئاينىڭ بېشىدا، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرىگە جايلاشقان 359 ـ لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىدا، بىر مەيدان توردا قىزىل فوتو سۈرەتلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە 100گە يېقىن ئېكسكۇرسىيەچىنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى تاپشۇرۇۋېلىندى. «بۇ ئەسەرلەر كۆپچىلىككە خاتىرە ساراي بىلەن بىللە ئۆتكەن قىسقىغىنا ۋاقىتنى ئەسلەتتى، مۇشۇنداق ھەمبەھرىلىنىش داۋامىدا قىزىل تارىخنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ئەسلىمىنى ئويغىتىپ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلدۇق.» 359 ـ لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تيەن خۇيۋېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرە ساراي پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار كۆزگەرمىلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، خاتىرە ساراينىڭ جەمئىيەت تەربىيەسى فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كېيىنكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ كۈنلۈك كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8000 ئادەم قېتىمغا يەتتى، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ %60 ئەتراپىدىكىسى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرى ئىدى. «بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بىز ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشكە، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەيمىز» دېدى شىخەنزە شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ ۋېنشىڭ.

«مەھەللىمىزدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنى ھەر مىللەت ئاممىنى <دەم ئالىدىغان جايى بولۇش، سىرداش ئادىمى بولۇش> ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلدۇردى.» ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جۇڭبىن مۇنداق دېدى: ئامما قەيەردە بولسا، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزىمىز، ئاقسۇ ۋىلايىتى توققۇز يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى، 107 يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنى، 1412 يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى قۇردى. كېيىنكى قەدەمدە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى»نى داۋاملىق بېيىتىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنىنى ھەر مىللەت ئامما بارىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندۇرىدۇ.

8 ـ ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە قىزىل مەدەنىيەتنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە چوڭقۇر ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇردى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى ئېچىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كىشىلەرگە بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى بايان قىلماقتا؛ ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى ئەلالاشتۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيەنى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى... ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورنىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ ساراي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي ئىشلىرىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولدى. «بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق ـ تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇزېي، خاتىرە سارايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز» دېدى ئۇ.

مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، پەزىلەت ۋە ماھارەتتە تەڭ يۈكسەلگەن ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەرنى ۋە زور كۆلەملىك مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ مۇنداق دېدى: «پەقەت خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن تىرىشچانلىق بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان خەلق داستانىنى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق ياراتقىلى، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغىلى بولىدۇ. بىز خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىش، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەش، خەلقنىڭ ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە، ھەيۋەتلىك، تەسىر كۈچكە ئىگە باش تېما ئىجادىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز».

«زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىجادىي يولغا قويۇش» − 20 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى پۇ خۇەيمىننى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى: «زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيەت ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئۆلچەم، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ مەنىۋى ئۇل تېشى. بىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ كۆلەمدە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى نامايان قىلىمىز، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش، شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز گۇگۇڭ مۇزېيى، دۆلەت مۇزېيىنىڭ ئېسىل كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈپ كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنىنى بېيىتىشنى پىلانلىدۇق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، <شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېسىل بۇيۇملار كۆرگەزمىسى>نى شەنشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىسىدىكى تارىخىي چىنلىق ۋە مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى كۆپ نۇقتىدىن تولۇق نامايان قىلىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاڭ خۇڭبو مۇنداق بىلدۈردى: تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. قار ـ مۇز تۈرلىرىنى ئالدىن نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ توپ»نى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرىمىز. 2025 ـ يىلىغا بارغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمىنى 2.6 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈشنى، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى نىسبىتىنىڭ %38.5تىن كەم بولماسلىقىنى، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى نىسبىتىنى %21.5كە يەتكۈزۈشنى، ھەر 1000 كىشىگە توغرا كېلىدىغان جەمئىيەتتىكى تەنتەربىيە يېتەكچىسىنىڭ 2.16 ئادەمدىن يۇقىرى بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت جەۋھىرىنى تاۋلاپ، نامايان قىلىپ، جۇڭگو سۆز سىستېمىسى ۋە جۇڭگو بايان سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك.

«شىنجاڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مول كانى، دوكلات شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتتى. بىز پۇختا ئىجادىيەت ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ، مول، رەڭدار شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىمىز» دېدى شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى جيەنچياڭ.

«بىز شىنجاڭنىڭ <ناخشا ـ ئۇسسۇل ماكانى> بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، <جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى> <جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى> <جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى . جۇڭگو ـ چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى> <يىپەك يولى مۇزىكا بايرىمى> قاتارلىق ماركىلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، گۈزەل سەنئەت، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئىلىم قاتارلىق تاشقى جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي>نىڭ تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئۆستۈرىمىز» دەپ بىلدۈردى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ.

«شىنجاڭ تۇپرىقىدا ساقلىنىپ قالغان پۈتۈك، تۇر، قەدىمىي شەھەر قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى تېلېۋىزىيە سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ خام ماتېرىيال خەزىنىسى بولۇپ، بىز تېلېۋىزىيە سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئىجاد قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى يارىتىشىمىزغا، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى زېڭ جيەن.

(مۇخبىر يىن لۇ، قاتناشقان مۇخبىرلار رېن جياڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ، دۇڭ لياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.