تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆت نەپەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنىڭ ئارزۇسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايدا، ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن تۆت پارتىيە ۋەكىلى − ما لى، خاۋ شياڭلى، لى ۋېنجۈەن، رىزۋانگۈل ساۋۇت خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئوخشاش ھاياجانلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەزمەن تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كەلگۈسىگە قارىتا، تۆت ۋەكىل ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن ئوخشاش ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئېنىق ئىپادىلىدى: «دوكلات روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز».

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3400 مېتىر بولۇپ، «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى يۇرت» دەپ ئاتالغان. ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىگە تايىنىپ، بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى «پارتىيە ياچېيكىسى +كارخانا، كەسىپ + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + ئامما»دىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2021 - يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ساياھەت كىرىمىنى 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى.

«پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.» لى ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: خاس ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرىنچى قەدەم. قانداق قىلغاندا دوكلاتنىڭ روھىنى خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئۇ مۇنداق قارىدى: كەسىپ تەرەققىياتىغا يەنە كۈچ سەرپ قىلىش زۆرۈر.

لى ۋېنجۈەننىڭ يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئارزۇسى ۋەكىل خاۋ شياڭلىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خاۋ شياڭلى چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى جېڭىس كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە بىر سىزىق سىزىپ، 219 دۆلەت يولى دەپ بەلگە قويدى، ئارقىدىن يېنىغا جېڭىس كەنتى دەپ بەلگە قويدى، ئۇ بىر تەرەپتىن تونۇشتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن بەلگە قويۇپ ماڭدى، قەغەزدىكى كەنتتە كاڭلېيۈەن باغچىسى، يېزا ئىگىلىك سەيلە - ساياھەت باغچىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، «70 - 80» يىللاردىكى تەسىراتنى ھېس قىلىش باغچىسى... دېگەن بەلگىلەر بىر - بىرلەپ كۆپەيدى.

خۇددى خاۋ شياڭلى سىزغاندەك، ئىلگىرى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر ئەتراپىدىكى بۇ كەنت بۈگۈنكى كۈندە توردا ئالقىشلانغان كەنتكە ئايلاندى. 2019 - يىلى، خاۋ شياڭلى كەنت پىلانىنى باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 219 دۆلەت يولى لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، يېزا - كەنت خاس ساياھەتچىلىكىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. «كەنت ساياھەتچىلەرنى يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. مەن ساياھەت كەسپىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن».

لى ۋېنجۈەن بىلەن خاۋ شياڭلىنىڭ يۇرتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەكىل مالى بىلەن ۋەكىل رىزۋانگۈلمۇ بۇ سۆز تېمىسىغا قوشۇلدى.

ما لى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 - شى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ئەنكاڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، رىزۋانگۈل ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىككىيلەن ئاساسىي قاتلامدا ئون نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلدى.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۇقرالارغا نۇرغۇن خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى، مەن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ ياخشى سىياسەتلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ما لى مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئېھتىياجى مېنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش يولىدا پۇشايمانسىز داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

رىزۋانگۈل باشتىن - ئاخىر «ئاھالىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»نى ئۆزىنىڭ ئىنتىلىش نىشانى قىلىپ، مەھەللىدىن پېنسىيەگە چىققان 140 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، ئاھالە پارتىيە ئەزاسىنى سەپەرۋەر قىلىپ پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتى تەشكىللەپ، «ئامما ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى» تەسىس قىلىپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. «مەن كۆپچىلىكنى بىرلىكتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.» رىزۋانگۈل مۇنداق دېدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، مەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.