− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى
10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ۋەكىل ۋۇ گاڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېزلىتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. شۇ كۈنى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى، ئۆگەندى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى قەرەلىدە ئېچىلىپ، دەۋر ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا نەزەر سېلىندى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۆزگىرىش جەريانىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاندىن پارلاق كەلگۈسىگە تەلپۈنۈپ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى روھىنى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى
يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.» تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ھەر تەرەپلىمە، دەۋر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك بولدى. دۆلىتىمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، تۇرپاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىدىمۇ مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان تارىخىي مۇساپە ئارقىلىق بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى، غەيرىتىمىزنىڭ ئاساسى، كۈچىمىزنىڭ ئاساسى.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.
چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇشقىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكىچە، ھەربىر مۇھىم، زور ئىش ۋە ۋاقىت تۈگۈنىنىڭ ئارقىسىدا، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن مەزمۇت قەدەملىرى بار. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. «يېڭى مۇساپىدە، بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» دېدى ۋاڭ تاۋ.
«پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەربىر كىشىنى روھلاندۇردى، يېڭى دەۋر سانسىزلىغان كىشىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پۇقرارلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى روزى مەڭلىك مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ چوڭ ئىشنى مەن ۋە كەنتتىكى ھەربىر ئامما ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. 10 يىلدىن بۇيان، داشى كەنتى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ بېيىدى، ھەر مىللەت ئامما «يانچۇقى تومپايغان، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولغان» بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
شانلىق مۇساپىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا بولغان ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار بولغان مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
يۈكسەك بۇرچ گۈللىنىش ئارزۇسىنى جۇلالاندۇردى
كاتتا قۇرۇلتاي پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى، ئۇلۇغۋار پىلان بۇرچ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور جۇ خۇي مۇنداق قارىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوڭقۇر بايان قىلىندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى بۆسۈش نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى سۈرەتلەندى. «نىشان روشەن، يول ئېنىق بولدى، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ بوشاشماي تىرىشساق، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز!»
ئىدىيە ھەرىكەتكە يولباشچىلىق قىلىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئىلى سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ چوڭقۇر قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە. ماركسىزم شۆيۈەنى بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى 20 - قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەيمىز.
«پۈتۈن پارتىيە ئەستە چىڭ ساقلىشى شەرتكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى...» تەلەپ كىشىلەرنى غەپلەتتىن ئويغاتتى، چاقىرىق مەردانە، جاراڭلىق بولدى. مەكىت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ غازكۆل يېزىسى قازانكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ئوسمان ئوبۇل مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى چوڭ - كىچىك كوچىلارغىچە يەتكۈزۈپ، كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى قەدەممۇقەدەم ئالغا باستۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ساقلاپ كەلدى، دەپ كۆرسىتىلدى. شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەن ۋەنفېڭ مۇنداق دېدى: چوڭقۇر ھېسسىياتلىق بۇ سۆزلەرگە پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن. بىز جەزمەن باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.
جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش − يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ
پارتىيە ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەنە چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىپ، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىپ، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتەك كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز».
دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى، جەمئىيەت مۇقىملىقى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى تاھىر ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەلقنىڭ بەختى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز».
شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بىز ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى سىناق نۇقتا كارخانىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل كۈچەشنى چۆرىدەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بۆلەكلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ قاتناش - تىرانسپورت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز «يول ئېچىش ئاۋانگارتى» بولۇش بۇرچىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بويىچە شىنجاڭدا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تېزلىتىپ، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
«دوكلاتتىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە قويۇلغان تەلەپنى ئاڭلاپ، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، مەۋقەنى «پۈتۈن ئاپەت تۈرى، زور جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش»نىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدايمىز.
زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى ياخشى دەۋرگە توغرا كەلدى، قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق. دۆلەت باج باش ئىدارىسى پوسكام ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئۈمىد تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كۈرەش قىلىش ئىرادىسى بىلەن ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، «يۈز پىرسەنت تىرىشچانلىق» بىلەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «تولۇق رازى بولۇش»ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياشلىق باھارىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە جۇلالاندۇرىمىز.
(مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، رايىدە، لياڭ لىخۇا، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ يۈنمېي، جېڭ جو، گو لىڭ، ۋاڭ نا، جاۋ شىيا، لۇ فېڭباۋ)