تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتىدىكىلەر: تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

كەچكۈزدىكى كېرىيەدە قۇياش نۇرى يەنىلا ئىللىق ئىدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەردىلا، كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ توغراغاز كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىنى بىرلىكتە كۆردى.

توغراغاز كەنتى 20- ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا كۆپ قېتىم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى ھەر بىر كەنت ئاھالىسى ئۆزىنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتدىشى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

پەخىرلىنىش تۇيغۇسى توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېشىت مەتتۇرسۇن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا قۇربان تاغا توغرىسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىنى ئاڭلىغانىدىم، مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن.» ھازىر، ئۇ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىچىك تاللا بازىرى ئېچىپ، ئاللىقاچان كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

ئابدۇرېشىت ئېسىل مەزمۇنلارنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ئەنسىرەپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلېۋىزور ئېكرانىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى. «قۇربان بوۋامنىڭ يۇرتدىشى ۋە ياش ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن. كەنتىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ئىستىقباللىق قىلىمەن»، دېدى ئابدۇرېشىت.

توغراغاز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىسۇلايمان بەيدۇللا مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە باقمىچىلىق روناق تاپتى، سەبدەرگۈلدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بۇ يىلقى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم چوقۇم بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

«قۇربان تۇلۇم روھى كەنتىمىزنىڭ <ئەڭگۈشتىرى>. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتە قۇربان تۇلۇم نامى بىلەن ئاتالغان نۇرغۇن جاي بار: قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، قۇربان تۇلۇم مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپلەر باغچىسى، قۇربان تۇلۇم ساياھەت كەچلىك بازىرى.» توختىسۇلايمان مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، كەنتىمىز يىلدا بىر يېڭى قىياپەتكە كىرىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنىمۇ بارغانسېرى تومپىيىۋاتىدۇ. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتى بىزنىڭ نىشانىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.»

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدە، رۇقىيەم مەتسەيدى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.

كېرىيە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى مۇتەللىپ مەمەت فوتوسى

10- ئاينىڭ 16- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتىدىكى بىر پۇقرالار تۇرالغۇسىدا، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆردى، ئۇ يەنە 2017- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاشۇ دەقىقىنى ئېسىگە ئالدى.

2017- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

«پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، يۇرتىمىزغا ئايروپىلان قاتنىدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى، پويىز قاتنىدى، سەپەرگە چىقىشىمىز تېخىمۇ قولايلاشتى؛ كېسەل كۆرسەتسەك ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز؛ كەنتتىكى ياڭاق، بۇغداي، سەبدەرگۈلدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى؛ يۇرتداشلار ئازادە ۋە يورۇق ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ، زامانىۋى يېڭى تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.» رۇقىيەم مۇنداق دېدى: «مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.