ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەش... بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ياڭاق پىششىقلاش كارخانىلىرى زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، ھەممە يەردە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ياڭاقلارنى ئايرىماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جيا يۈخۇي، جېڭ يۈشۈەن)
بۇ سودا مەركىزىدە ئاپتوماتلاشقان ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن 13ى بار بولۇپ، يىلدا 15 مىڭ توننا ياڭاق پىششىقلايدۇ. ياڭاق ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
ئىشچىلار پىششىقلانغان ياڭاقنى توشۇماقتا، بۇ ياڭاقلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر جايلىرىدىكى بازارلارغا ئەۋەتىلىدۇ.