ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن) «ياخشىمۇسىز، بەي ئۇستام بولامسىز؟ ماڭا بىر پوسۇلكىنى تەكشۈرۈپ بېرەلەمسىز؟ جىددىي لازىملىق دورا ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ كېسىلى ئېغىر، زاپاس دورىنى ئىچىپ بولغان ئىدى.» 10- ئاينىڭ 7- كۈنى سەھەر سائەت 6دە، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىسى بەي يۈنجوڭ چارلاش خىزمىتىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ تۇرۇشىغا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ خانىمدىن تېلېفون كەلدى، ئۇنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازىدىن قارشى تەرەپنىڭ تىت- تىت بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
بەي يۈنجوڭ (سولدا) مەھەللە خەلق ساقچىسىغا «جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا»نى تاپشۇرۇپ بېرىشنى كۈتمەكتە. سۈن لىچياڭ فوتوسى
قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، بەي يۈنجوڭ دەرھال ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ: «سىز جىددىيلەشمەي تۇرۇڭ، پوچتا يوللانما نومۇرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تەكشۈرۈپ بېرىمىز.» دېدى.
ئارقىدىن، بەي يۈنجوڭ جاڭ خانىمنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە دوكلات قىلدى، رەھبەرلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئون نەچچە خىزمەتچىنى پوچتا يوللانمىسىنى ئىزدىشىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى، يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىدە ساقلانغان پوچتا يوللانمىسىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىر پوچتا يوللانمىسىنى ئىزدەش دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنگە ئوخشايتتى.
«ئۈچ سائەتكە يېقىن بوشاشماي تىرىشىشىمىز ئارقىلىق، ئاخىرى جاڭ خانىم جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان پوسۇلكىسىنى تاپتۇق، ھەمدە بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئۇقتۇردۇق.» بەي يۈنجوڭنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ خانىم تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، ئارقا- ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جاڭ خانىمنىڭ ئۆيى تىيانشان رايونى بەخت يولى كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي جيەنگو يولى مەھەللىسىدە بولۇپ، شۇ كۈنى سائەت 15تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇ مەھەللە خەلق ساقچىسىغا پوچتا يوللانمىسىنى ئېلىۋېلىشنى ھاۋالە قىلدى. سائەت 16دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، بەي يۈنجوڭنىڭ يان تېلېفونىدا ۋېيشىن ئەسكەرتىش ئاۋازى ياڭرىدى، «يۇقۇم ئالدىدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم! بۇ يەردە ياشاپ باققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئىللىقلىققا ئېرىشىپ باققان. بۇ يەردىكىلەر مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ئىش قىلىدۇ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئادەمدەك ياشايدۇ، دائىم مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولىدۇ، دائىم مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئىش قىلىدۇ. ياخشىلار بىر ئۆمۈر ئامان بولسۇن.» دېدى جاڭ خانىم ۋېيشىندا يازغان خېتىدە.
جاڭ خانىم بەي يۈنجوڭنىڭ ۋېيشىنىغا قالدۇرغان سۆزى. بەي يۈنجوڭ تەمىنلىگەن سۈرەت
10- ئاينىڭ 13- كۈنى، جاڭ خانىم تېلېفوندا مۇخبىرغا ئۆزى بەي يۈنجوڭغا ئىزدەشنى ھاۋالە قىلغان «جاننى قۇتقۇزىدىغان دورا»نىڭ بۆرەك كۆچۈرگەندىن كېيىنكى يەكلەشكە قارشى دورا ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەر كۈنى ئىچىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇنداق دورىنىڭ شىنجاڭدا يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ دورىنى بېيجىڭدىن زاكاز قىلغانلىقىنى، 7- چېسلا دورىدىن پەقەت ئىككى تاللا قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئىنتايىن تىت- تىت بولۇپ، ئۈرۈمچى پوچتا رايونى مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقۇم رەھىمسىز بولسىمۇ، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر- مۇھەببەت بار! «گەرچە بىر پوچتا يوللانمىسىنى ئىزدەش ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بىز <خەلق پوچتىسى خەلق ئۈچۈن> دېگەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق.» دېدى پوچتا خادىمى بولغان بەي يۈنجوڭ تەبىئىي ئۇرغۇپ چىققان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا.