تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى لوبۇ ئېتىزىدا ھوسۇل ئېلىش ئالدىراشلىقى باشلاندى، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» ياردەمگە كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جۈنۋېي) 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى ماچاڭخۇ كەنتىدىكى كۆك لوبۇ ئېتىزىدا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى قۇتۇبى ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۇن بازىرى ماچاڭخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى 10 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» لوبۇلارنى يۇلۇپ، خالتىغا قاچىلاپ، باغلاپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ توشۇدى... كۆپچىلىك مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەپ، زىچ ماسلىشىپ، ئېتىز بېشىدا ئالدىراش مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

10- ئاينىڭ 11- كۈنى، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» لوبۇلارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

10- ئاينىڭ 11- كۈنى، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» لوبۇلارنى ئاپتوموبىلغا باسماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

بۇ يىل، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 13 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى 320 مو يەرگە كۆك لوبۇ تېرىشقا يېتەكلىدى، مو بېشى ھوسۇلى ئالتە توننا ئەتراپىدا بولدى، ھەر مو يەردىن 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم بولىدۇ. نۆۋەتتە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە، دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ، توشۇپ ھەم شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن كەنتكە كىرىپ سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

10- ئاينىڭ 11- كۈنى، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» لوبۇ يىغماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

10- ئاينىڭ 11- كۈنى، «دېھقانلارغا ياردەم بېرىش كىچىك ئەترىتى» لوبۇ توشۇماقتا.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.