تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئاۋتېمەن دادامغا ھەمراھ بولۇپ، ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن تېز ئۆيگە قايتىپ كېلىڭلار!»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جۈەن) «دادا، ئۆيگە قاچان قايتىپ كېلىسەن؟» 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بولۇپ ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، چيۇ جيەنخۇا يان تېلېفونىدا سىنلىق كۆرۈنۈشنى ئاچتى، ئېكراندا كىچىك ئوغلى ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى.

چيۇ جيەنخۇا تارىم نېفىتلىكى ئاممىۋى ئىشلار بۆلۈمى تىرانسپورت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئائىلىسىدە ئىككى ئوماق بالىسى بار، چوڭ ئوغلى ئون ياش، كىچىك ئوغلى بەش ياشتا، گەرچە ئىشخانا بىناسى بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقىدا بىر باغچە بار، تۈز سىزىق ئارىلىقى 300 مېتىرغىمۇ يەتمىسىمۇ، لېكىن يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى.

چيۇ جيەنخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەت قىلغاندا چۈشكەن سۈرەت. زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

نېفىتلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك ئىدى. پۈتۈن نېفىتلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىلىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، چيۇ جيەنخۇا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى.

يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۇ ئىككى ئوماق بالىسىغا ناھايىتى تېزلا ئۆيگە قايتىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، چيۇ جيەنخۇانىڭ يېمەك- ئىچمىكى، يېتىپ- قوپۇشى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا بولدى، پۈتۈن نېفىتلىكنىڭ ھەر قايسى مەشغۇلات رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللىرى ۋە كورلا بازا ئولتۇراق رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئاپتوموبىلىنى تەقسىملەشكە مەسئۇل بولدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ يۈرۈش كودى سېرىققا ئۆزگەرگەنلىكتىن، ھەر قايسى تۇرۇشلۇق جايلاردا ۋاقىتلىق باشقۇرۇپ- تىزگىنلەندى، بازىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى مەھەللىدىكى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئايرىپ كۆزىتىدىغان مېھمانخانىغا توشۇش، داۋالاشتىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئاپىرىپ- ئەكېلىش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۇلاپ تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالدى. چيۇ جيەنخۇا بىر تەرەپتىن كۆپ تەرەپنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئىلمىي تەڭشەپ كاپالەتلىك قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن شوپۇرلارغا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

«بۇراەرلەرگە ئاسان ئەمەس، مېنىڭ خىزمىتىمگە ئاكتىپ ماسلاشتى، ئۇلار خەۋپ- خەتىرى ئەڭ چوڭ بولغان يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، پىسخىكىلىق يېتەكلەش ناھايىتى زۆرۈر.» دېدى چيۇ جيەنخۇا.

بەزى شوپۇرلار تۇنجى قېتىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەچكە، روھىي بېسىمى ناھايىتى چوڭ ئىدى. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، چيۇ جيەنخۇا خۇددى بىر پېشقەدەم بەنجاڭ جەڭچىلەرگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەندەك، ئۇلار بىلەن سىردىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ 2020- يىلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە پىدائىي بولغان كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاستا- ئاستا ئىدىيەۋى يۈكتىن خالاس قىلدى.

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىزچىل روھىي جەھەتتە ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ، بىر مىنۇتمۇ بوشاڭلىق قىلمىدى، نېفىتلىك شىركىتىنىڭ بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تۇتۇش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى، ئالدىنقى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بولغان ئاپتوموبىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، كەم- كوتسىز ھالدا نېفىتلىكتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن، چيۇ جيەنخۇا مۇداپىئە كىيىمىنى كىيدى. زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

8- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تىرانسپورت باشقۇرۇش مەركىزى جەمئىي ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىلدىن تەخمىنەن 16 مىڭ 500 قېتىمنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئاپتوموبىلىدىن 700 نەچچە قېتىمنى تەڭشىدى.

9- ئاينىڭ 24- كۈنى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى ۋە زاپاس شوپۇرلار تۇرىدىغان مۇھىت خەۋپ- خەتەر رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالەت ئاپتوموبىللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.

قانداقلا بولسۇن، كاپالەت مۇلازىمىتىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ! بىراق تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە، تېخنىكىدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان شوپۇرلارنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ، كىممۇ خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردا بېرىپ- كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ؟

«دىرېكتور، مەن باراي! مەن ياش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالەت ئاپتوموبىلىنى مەن ھەيدەي.» 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، چيۇ جيەنخۇا يەنە بىر قېتىم قارار چىقاردى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بويىچە، 2- دەرىجىلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ئاپتوموبىلغا چىققاندىن كېيىن، شوپۇر ئاپتوموبىلدىن چۈشسە بولمايتتى. ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، تىنچىق تار كابىنكىدا ئولتۇرغان چيۇ جيەنخۇانىڭ كىيىملىرى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتتى. ئاپتوموبىلنى تەڭشىگەندە، يان تېلېفوننىڭ ياڭراتقۇسىنى ئېچىۋېتىپ، ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە ئاپارغاندا ئاندىن ئاڭلىغىلى بولاتتى، كانىيى يىرتىلغۇدەك توۋلىغاندا ئاندىن ئەھۋالنى تېلېفوندىكى قارشى تەرەپكە ئىنكاس قىلغىلى بولاتتى.

چيۇ جيەنخۇا ھەيدىگەن كاپالەت ئاپتوموبىلى پەقەت بەلگىلەنگەن لىنىيەدىلا ماڭالايتتى، ھەر قېتىم باغچە تەرەپكە ھەيدەپ كەلگەندە، ئۇ ئىختىيارسىز ئۆزىنىڭ ئۆيى بار بىناغا قاراپ قوياتتى، ئەمما ئۇ قەتئىيلىك بىلەن باغچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە، يەنى ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭاتتى.

چيۇ جيەنخۇانىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىكى كىچىك غەلىتە مەخلۇق ۋە ئاۋتېمەن. زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت

بۇ چيۇ جيەنخۇانىڭ تۇنجى قېتىم ئىككى بالىسىنى شۇنچە ئۇزاق كۆرەلمىگىنى ئىدى، ئۇنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە ئىككى كىچىك ئويۇنچۇق بار ئىدى، بۇلار، ئۇ ئۆيدىن چىققاندا، بالىلىرى ئۇنىڭ يۈك- تاقى ئارىسىغا سېلىپ قويغان ئويۇنچۇق بولۇپ، بىر غەلىتە مەخلۇق بىلەن بىر ئاۋتېمەن ئىدى، ھەر قېتىم بۇلارنى كۆرگەندە، چيۇ جيەنخۇا يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئوغلىنىڭ بالىلارچە: «ئاۋتېمەن دادامغا ھەمراھ بولۇپ، ۋىرۇسنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن تېز ئۆيگە قايتىپ كېلىڭلار...» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.