تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى: ئادەم بەدىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاساسەن قايتا يۇقۇملانمايدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ساقايغاندىن كېيىن (قايتا مۇسبەت كۆرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقتۇرۇشچانلىقى بولمايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى نى مىڭجيەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن ئولتۇراق رايون سەللىمازا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ياكى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشتىن بىكار قىلىنىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئۇلاردا «قايتا مۇسبەت» كۆرۈلۈپ، تارقىلىش خەۋپ- خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

«قايتا مۇسبەت» كۆرۈلۈش − يۇقۇملانغۇچى ئايرىشتىن بىكار قىلىنغان ياكى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۇەن تەكشۈرۈشىدە يەنە بىر قېتىم نەتىجىسى مۇسبەت چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ئارىلاپ چىقىرىلغان، چۈشۈپ قالغان ۋىرۇس خېسۇەن بۆلىكى؛ يەنە بىرى، باشقا بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن تۈپى بىلەن قايتا يۇقۇملىنىش. سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ Ct قىممىتى 35تىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولغاندا، تىرىك ۋىرۇسنى ئايرىپ چىققىلى بولمايدۇ، بۇ چاغدا ئاغرىق يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولمايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئانتىتېلا سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئاساسەن قايتا يۇقۇملانمايدۇ.

نى مىڭجيەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ساقايغاندىن كېيىن (قايتا مۇسبەت كۆرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقتۇرۇشچانلىقى بولمايدۇ، دۆلىتىمىزدىمۇ ساقايغاندىن كېيىن (قايتا مۇسبەت كۆرۈلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) باشقىلارغا يۇقتۇرغان مىسال كۆرۈلمىدى. سەللىمازا ساقايغان يۇقۇملانغۇچىلار دوختۇرخانىدىن چىقىپ ياكى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشتىن بىكار قىلىنىپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن تارقىتىش خەۋپ- خەتىرى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.