تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قەغەز قىيما ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن سەيجىن خەۋەر قىلىدۇ): «مەن 28 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بۈگۈن <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەغەز قىيما پائالىيىتىگە قاتناشتىم، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلدىم. گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، لېكىن مەن رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، <شىياڭخۇڭ ياشانغانلار ئۇسسۇل ئەترىتى>نى قۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلدىم!» دېدى 10- ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۆچەك شەھىرى بوزداق بازىرى يولى جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ياڭ خۇيچىن.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە قەغەز قىيما قىيماقتا.

  ئەن سەيجىن فوتوسى

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پەيتتە، چۆچەك شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بوزداق بازىرى يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى تەۋەلىكتە «چېۋەر قولىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەيلى، 20-قۇرۇلتاينى خۇشال-خورام كۈتۈۋالايلى» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەغەز قىيما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاھالىلەر بىلەن بىللە قەغەز قىيما ئەسەرلىرىنى چاپلىماقتا.

  ئەن سەيجىن فوتوسى

  پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىك بەزىلىرى قەغەز قىيما قىيسا، بەزىلىرى چاپلىدى... ھەر مىللەت كادىرلار، ئاھالىلەر ئۆزئارا ماسلىشىپ، پارچە-پارچە نەپىس ئەسەرلەرنى قىيىپ چىقتى.

  «قەغەز قىيما پائالىيىتىنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ئەسلىي مەقسەتنى <قىيىپ چىقىپ>، قىزىل قەلبنى <ئويۇپ چىقىپ> پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش!» دېدى چۆچەك شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن بوزداق بازىرى يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەن سەيجىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.