تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى

− يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان . جەمئىيەت قۇرۇلۇشى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

جەمئىيەت قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدى. جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلىنىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ، ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.

خەلقنى مەركەز قىلىپ

پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش

«دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، بىز كۆپچىلىكنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى يېڭى دەۋردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«تېخنىكام يوق ئىدى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى؛ مەبلىغىم يوق ئىدى، 150 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىپ دۇكاننى ئوڭۇشلۇق ئېچىشىمغا ياردەم قىلدى، ھازىر تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۇرتى يېزىسى ئاشىلى كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ساغېنبېك جۇپۇخەي. 2017 - يىلى ئۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش سىياسىتىگە تايىنىپ ئاشخانا ئېچىپ، شۇ يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2020 - يىلى ئۇ ئاشخانىسىنى 400 ئادەم سىغىدىغان رېستوران قىلىپ كېڭەيتتى، ئۇ ئۆزى بېيىپلا قالماي، يەنە ئالتە كەنت ئاھالىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا «بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.» شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى، يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى.

«خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردى.

10 يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 - يىلىدىكى 19 مىڭ 19 يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 - يىلىدىكى 37 مىڭ 642 يۈەنگە يەتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 2012 - يىلىدىكى 6876 يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 - يىلىدىكى 15 مىڭ 575 يۈەنگە يەتتى. مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشتى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش.» ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىتقا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلدى

پۇقرالار ياخشى كۈنگە ئېرىشتى

«يوللار تۈزلەندى، كۆكەرتىش كۆلىمى كۆپەيدى، ئارام ئالىدىغان جايىمىزمۇ بار بولدى.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى جۇجياڭ يولى سولياۋ زاۋۇتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئاھالە چېن يەن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئولتۇراق رايوندىن رازىمەنلىك ھېس قىلدى. 2019 - يىلى باشلانغان ئۈرۈمچىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش كونا ئولتۇراق رايونلارنى يېڭىچە تۈسكە كىرگۈزدى.

خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىندى، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى چۆرىدەپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش سېخلىرىغا، مەھەللىلەردىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدى، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، پۇل تاپالايدىغان بولدى. 2012 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر - بازارلاردا 4 مىليون 693 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 28 مىليون 500 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، 2012 - يىلىدىكى 2 مىليون 714 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 2021 - يىلىدىكى 3 مىليون 174 مىڭ ئادەم قېتىمغا كۆپىيىپ، %16.95 ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.

مائارىپ قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئومۇملىشىشى، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مائارىپنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىن 12 مىڭ 695ى بار بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىدىن 3706سى كۆپەيدى؛ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 6 مىليون 578 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، 2012 - يىلىدىكىدىن 2 مىليون 9100 كىشى كۆپەيدى. مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە ئىقتىدارى سىجىل ئۆستى. ئاپتونوم رايونىمىز خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش قاتتىق دېتالى، يۇمشاق دېتالىنى قوش يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلى، ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىدىن 106نى تەشكىللەپ قۇرۇش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ناھىيە كۈچلۈك بولۇش، يېزا جانلىق بولۇش، كەنت مۇقىم بولۇش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىش، ئۇچۇر راۋان بولۇش»تىن ئىبارەت داۋالاش - ئالدىنى ئېلىش بىرلەشكەن مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىچە بولغان دائىملىق، ماس، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىجتىمائىي كاپالەتتە تۈرلۈك كىشىلەر توپىنى تۈزۈم بىلەن تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 13 مىليون 368 مىڭ 900 كىشى بولۇپ، 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 4 مىليون 959 مىڭ 500 كىشى كۆپەيدى؛ بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار سانى 20 مىليون 622 مىڭ كىشىگە يەتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك مۇقىم ھالدا %95تىن يۇقىرى بولدى.

«ياشانغانلار، بالىلار» تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلاردىن ئۆزى خالايدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك بېقىلىۋاتىدۇ، يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك بېقىلىۋاتىدۇ. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىدىكى 60 ياشتىن ئاشقان شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىلىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئاساسىي تۇرمۇش قوشۇمچە پۇلى بېرىش تۈزۈمى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يىلدىن يىلغا ئۆسۈۋاتقان كۈتۈنۈش پۇلى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، تىزىمغا ئېلىنغان بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى 380گە يەتتى.

خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى تارقاق ھالدىكى يەككە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىن قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان، ئۇنىۋېرسال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىغا ئۆزگىرىپ، شەھەر - يېزىلارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كاپالەت ئۆلچىمى يىلدىن يىلغا ئۆستى. 2022 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى يىلىغا 5290 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %335 ئاشتى؛ شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئېيىغا 616 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، 2012 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %171.4 ئاشتى. جىددىي قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا دائىر ھەربىر تۈرلۈك كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن يىمىرىلمەس بىخەتەرلىك تورىنى توقۇدى.

ئەبەدىي ئەمىنلىك كۆزلەندى

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

«<پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى> <قوشنا ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسى> كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تەسىس قىلىندى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، كىمنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى بولسا، زىددىيەت - ماجىرا كۆرۈلسە، پەقەت بىر تېلېفون بىلەنلا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.» ئالاتاۋ شەھىرى ئىبنۇر كۆلى بازىرى ئالاتاۋ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ جۈخۇا مۇنداق دېدى: مەھەللىدىكى تىجارەتچىلەر ئىشىكى ئالدىدىكى يۇندى قۇدۇقىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى «پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى»غا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، مەھەللە ھەرقايسى تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ناھايىتى تېزلا راۋانلاشتۇرۇپ بەردى، «ھازىر، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى <پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى>غا كېلىپ چوڭ - كىچىك ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالايدىغان بولدى، ئاھالىلەر مەھەللە ئىدارە قىلىشتىكى چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلاردىن قاتناشقۇچىلارغا ئايلاندى، مەھەللە تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدى».

10 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «كىچىك ئىشلارنى كەنتتىن چىقارماسلىق، چوڭ ئىشلارنى بازاردىن چىقارماسلىق، زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىق»تىن ئىبارەت «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، «پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى» «فېڭچياۋچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى» «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامغا تايىنىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ يولى ۋە ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ تۇراقلاشتى، مەھەللە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %100 كەنت (مەھەللە) ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان كەنت قائىدىسى، كەنت ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ چىقتى، تۈزىتىش كىرگۈزدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر ۋە يېزا مەھەللىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى كەڭ قوللىنىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىلدى. نەچچە ئونمىڭ مەھەللە خىزمەتچىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

10 يىللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، خەلق تۇرمۇشى بەختلىك، خاتىرجەم بولدى. يېڭى دەۋردە يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى بۇرچ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا چاقىرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، جەزمەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.