ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 2سى يېڭىدىن كۆپەيدى، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايوندىكى خادىملارنى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرگەندە بايقالغان؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 22سى يېڭىدىن كۆپەيدى، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردا خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، بەلگىلەنگەن فاڭساڭ دوختۇرخانىسىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.