تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

10- ئاينىڭ 12- كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 5ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تۇرپان شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېنىك تىپتىكى ئاغرىق مىسالىدىن 5ى يېڭىدىن كۆپەيدى. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردا خېسۇەن تەكشۈرۈشتە بايقالغان، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يېپىق ھالقىسىمان يۆتكەپ توشۇپ ئاپىرىلىپ، ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش- تىزگىنلەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  شۇ كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 4ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.