تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

10- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 39ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 205ى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلگىرى دوكلات قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 2سى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 39ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 9ى، سايباغ رايونىدا 5ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 9ى، شىمىگو رايونىدا 9ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 3ى، مىدۇڭ رايونىدا 4ى بار. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 205ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 46سى، سايباغ رايونىدا 42سى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 31ى، شىمىگو رايونىدا 37سى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 22سى، مىدۇڭ رايونىدا 27سى بار. ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلار، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلار ۋە مەھەللىلەردىكى خېسۇەن تاسقاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان، دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 14ىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، تىيانشان رايونىدا 3ى، سايباغ رايونىدا 1ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 3ى، شىمىگو رايونىدا 4ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 1ى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى، چېگرىدىن كىرگەنلەردىن 1ى بار.

  بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولۇپ، يېقىندا يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچى سانى داۋاملىق يۇقىرى چىقماقتا، نۆۋەتتە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ جىددىي، ئەڭ مۇھىم پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سەۋرچان بولۇپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە مېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. بىز ھازىرقى پەسىللىك كۆكتات، مېۋە قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش، زاپاس ساقلاش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز، مەھەللىلەر سېتىش تور نۇقتىلىرىنى زىچلاشتۇرۇپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى ھەقىقىي تۈگىتىدۇ. كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشى، ئەۋرىشكە ئالغۇزغاندا پۈتۈن جەرياندا N95 ماسكىسىنى ئۆلچەملىك تاقىشى، توپلىشىۋالماسلىقى، توختاپ تۇرماسلىقى، قۇرۇق پاراڭ سېلىشماسلىقى؛ ياخشى روھىي ھالىتىنى ساقلاپ، خاتىرجەم ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، پىتنە- ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە- ئىغۋا تارقاتماي، پىتنە- ئىغۋا پەيدا قىلماي، «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش» جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان چەكسىز كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى سورايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.