10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 64ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 9ى، سايباغ رايونىدا 5ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 11ى (كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن 2سىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىمىگو رايونىدا 9ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 3ى، مىدۇڭ رايونىدا 4ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 10ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 2سى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 5ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 6سى بار.
كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 339ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 46سى، سايباغ رايونىدا 42سى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 31ى، شىمىگو رايونىدا 37سى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 22سى، مىدۇڭ رايونىدا 27سى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 51ى، غۇلجا ناھىيەسىدە 4ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 22سى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 23ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 34ى بار.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 1ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 50ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 1ىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
10- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى 332؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 2؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچى 2495؛ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 2.
پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى