تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«مول ھوسۇلغا تولغان» بۇنداق مەنزىرە تولىمۇ گۈزەل

  مول ھوسۇل پەسلى

  شىنجاڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالدى

  ئالدىراشلىققا تولغان ھوسۇل يىغىش مەنزىرىسى

 قىپقىزىل لازىلار بىلەن ياپيېشىل يوپۇرماقلار

  كۈز كۈنلىرىدىكى مول ھوسۇل يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى

  

ھەربىر خىل رەڭنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقنى ئىپادىلەيدۇ

  ھەربىر پارچە مەنزىرىنىڭ ھەممىسى مول ھوسۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ

 

 كەسىپلەر گۈللىنىپ دېھقانلار باي بولغان يېڭى مەنزىرە

  كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

 

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى «مول ھوسۇلغا تولغان» ياخشى مەنزىرە

  كۈزنىڭ سوغۇقى باشلاندى

  دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  سوغۇق شەبنەم باشلاندى، ھازىر ھاۋا سالقىن بولۇشتىن سوغۇق بولۇشقا قاراپ ماڭدى، جايلاردىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىم، كۈزلۈك پەرۋىش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. ۋاقىت تەرتىپى ئالمىشىپ تۇرىدۇ، مول ھوسۇل يىلىدا، مول ھوسۇل شادلىقى ئېكراندىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ.

لازا قۇرۇتۇش           خىرۇستال قوغۇنى ساقلاش   ^   ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى دوندۇرا كەنتى   (شيې جى فوتوسى) 

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلىرى، دېھقانلارنى بېيىتىش يېشىل كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، بازار يۆنىلىشى، باشلامچىلىق بىلەن تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى گەۋدىلەندۈرۈپ خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قەدىمىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. 

  ئانار ئۈزۈش   ^   ئاتۇش شەھىرى ئازاق بازىرى تىجەن كەنتى  (جەي رۇزېڭ فوتوسى) 

  شۇ يەردىكى ئانار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ، بازارغا سېلىپ ساتتى.

 چەيزە ئۈزۈش     خاڭگا ئۈزۈش   ^   شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 41-تۇەن ساۋخۇ بازىرى (لى چيەنخۇڭ فوتوسى) 

  بۇ تۇەن بازىرىدا 270 پارنىك، 108 چوڭ پارنىك بار بولۇپ، ئاساسلىقى مېۋە-چېۋە، كۆكتات، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، گۈل-گىياھلار ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ تۇەن بازىرى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تۈرلۈك يېڭى كۆكتاتلارنى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

 جىغان ئۈزۈش   ^   ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى سېرىق ئارال كەنتى (ۋەلى قىيۇم فوتوسى)

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى 150 مىڭ مو يەردە ئۆستۈرۈلگەن جىغان پىشىش مەزگىلىگە كىردى، رەڭگى چىرايلىق جىغانلار شاخلارغا پاتماي قالغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى.

پاختا يىغىش  ^   سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى دۇڭگۇ كەنتى (لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى بويىچە يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر جابدۇق قۇرۇلمىسىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىراكتور، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، يېزا ئىگىلىكىدە يەرنى چوڭقۇر بوشىتىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش قۇرۇلمىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، پاختا كەسپىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

 

  «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.