بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، زور بىر تۈركۈم ئاۋانگارت ئەترەت،«قارشى يۆلىنىشتە يۈرگۈچى»لەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقمايدىغان، خالىس تۆھپە قوشىدىغان ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى. بۇ كۈز قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى جۇ لياڭ ۋە قۇتۇبىلىقلار ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈز بولدى.
10ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، جۇ لياڭ نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىدا ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى رەتلىمەكتە.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش «چوڭ سىنىقى» ئالدىدا، 32 ياشلىق جۇ لياڭ باشتىن ـ ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. سىنلىق سۆزلەشكەندە، ئۇ ئۈچ ياشلىق ئوغلىغا: «مەن <غەلىتە مەخلۇق> بىلەن ئېلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ ساڭا ھەمراھ بولىمەن!» دېدى. ئوغلى سىنلىق پاراڭلاشقاندا ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «دادا غەيرەت قىل!» دېدى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى بىلەن جۇ لياڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا جۇ لياڭ (ئوڭدا) پىدائىيلار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
10ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، جۇ لياڭ كىچىك كانايدا ئاھالىلەرگە پەسكە چۈشۈپ خېسۇەن تەكشۈرتۈشنى ئۇقتۇرماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
«ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئىش، ئاھالىلەرنىڭ قانداق ئېھتىياجى بولسا بىز بىرىنچى ۋاقتتا چۈشىنىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ يۇقۇم مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن قولايسىزلىقلار كۆرۈلدى، ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. مەن ئازراق ھارسام ھېچقىسى يوق، ئاھالىلەرنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرسەم بارلىق ھارغىنلىقىم يوقايدۇ» دېدى جۇ لياڭ.
10ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا جۇ لياڭ (سولدا) ئاھالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى كىرگۈزمەكتە.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، جۇ لياڭ ھەر كۈنى باشقا مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئاھالىلەردىن خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق،ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەل قىلدى، بەزىدە بىر كۈن ئالدىراش بولسىمۇ، ئۇ كۆپچىلىك بىلەن قايتا ـ قايتا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن باش تارتماي، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقماي قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
10ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، جۇ لياڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا ئۈچ ياشلىق ئوغلى بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى رۇيى جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا جۇ لياڭ قارىغۇچىسى يوق ياشانغانغا تۇرمۇش بۇيۇمى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
(ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ)